مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

20-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ھەققىدە قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

2022.10.21 14:04 مەنبە: خەلق تورى

  ئۇلۇغ ئۆزگىرىش كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئۇلۇغۋار پىلان كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتىدا «ھازىردىن باشلاپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت» دەپ تەكىتلىدى.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيانقى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەت ئاساسىدا، 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، پارتىيەمىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتتى ۋە كېڭەيتتى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش بولۇپ، ئۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىگە، بولۇپمۇ دۆلەت ئەھۋالىمىز ئاساسىدىكى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش غايەت زور نوپۇس كۆلىمىگە ئىگە زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىيدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك بىر-بىرىگە ماسلىشىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشتۇر.

  پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى دوكلات مەزمۇنىنى بەس-بەستە مۇھاكىمە قىلىپ، تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا پىكىرلىشىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ، ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ، قاتتىق غەيرەتكە كېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

  جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتقان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭگو خەلقى ئىنتىزار بولۇپ كۈتكەن نىشان.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «ئىلمىي سوتسىيالىزم 21-ئەسىردىكى جۇڭگودا يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى يېڭى تاللاش بىلەن تەمىنلىدى» دەپ كۆرسەتتى.ۋەكىللەر بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتقان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش بولۇپ، ئۇ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ قانۇنىيىتىنى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى نامايان قىلدى، بىز جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز.

  مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل جاڭ جۇڭجۈن مۇنداق دېدى: دۇنيادا مۇتلەق نوپۇزغا ئىگە زامانىۋى ئەندىزە مەۋجۇت ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە باب كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۆلچىمىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. ئۆزگىچە دۆلەت ئەھۋالى، مەدەنىيەت ئەنەنىسى ۋە تارىخىي مۇساپىسى جۇڭگونىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قەتىي تەۋرەنمەي، مۇستەقىل ئىلگىرى سۈرۈشىنى بەلگىلىگەن.

  − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نوپۇس كۆلىمى غايەت زور زامانىۋىلاشتۇرۇش.

  جاڭ جۇڭجۈن مۇنداق دەپ قارىدى: 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ ئومۇميۈزلۈك زامانىۋىلاشقان جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىدىكى كۆلەم ھازىرقى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نوپۇسىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ زامانىۋىلاشقان دۇنيا زېمىنىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كېڭەيتىشنىڭ مۈشكۈللۈكى ۋە مۇرەككەپلىكى مىسلىسىز، مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، قولدىن كەلمەيدىغان ئىشقا ھەم كونىلىققا ئېسىلىۋالماي، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، تەدرىجىي ئىلگىرىلەش، سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو پاراۋوزى چىڭداۋ سىفاڭ پاراۋۇز پاي چەكلىك شىركىتى سلېسار سېخىنىڭ باش تېخنىكى، ۋەكىل گو رۈي مۇنداق دېدى: غايەت زور نوپۇس كۆلىمى تېخىمۇ كەڭ بازار بوشلۇقى، تېخىمۇ مول ئىختىساسلىقلار بايلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئون يىلدا، كەسپىي ئىختىساسلىقلارنىڭ كەسپ تەرەققىيات يولى بارغانسېرى راۋانلىشىپ، كەسىپ ئىشچىلىرىنىڭ ئورنى ۋە تەمىناتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. يېڭى دەۋر مىلياردلىغان خەلقنى ئارزۇسىغا تەلپۈنۈش، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. پەقەت ھەر بىر ئادەم تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئاكتىپ ئىشلىسىلا، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتالايدۇ.

  جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىيدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشتۇر.ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيىگە يېتىش يولىدا بىرمۇ ئادەمنى سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ئون يىلدا، ئېلىمىز يېزىلىرىدىكى 100 مىليونغا يېقىن نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىنىپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان مۆجىزىلەر يارىتىلدى.

  يۈننەن ئۆلكىسى جىنپىڭ مياۋزۇ-ياۋزۇ-دەيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى جىنشۈيخې كەنتى گېجيې كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل پۇ يۈجۇڭ مۇنداق دېدى: بانان ئۆستۈرۈش، چارۋا باقمىچىلىقى قاتارلىق كەسىپلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلسا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئېشىپ بېيىش يولى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاش كېرەك.

  گەنسۇ ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى ئىلمىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ۋەكىل كاڭ جۇڭفاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ___ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشتۇر، شۇڭا سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھازىر، بىز يەنىلا تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىمىز، يېڭى مۇساپىدە، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، رايون، شەھەر-يېزا، كىرىم تەقسىماتى پەرقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلغان زامانىۋىلاشتۇرۇشتۇر.

  خۇنەن داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل دېڭ ۋېي مۇنداق دەپ قارىدى: ماددىي مەدەنىيەت بولمىسا، زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ؛ ماددىي مەدەنىيەتلا بولۇپ، مەنىۋى مەدەنىيەت بولمىسا، مۇكەممەل زامانىۋىلاشتۇرۇشمۇ بولمايدۇ. ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە باياشات بولۇش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ تەلىپى، يېڭى مۇساپىدە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك باياشات بولۇش ۋە ئادەمنىڭ ئەتراپلىق تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئەدەبىيات-سەنئەت سېپىدىن كەلگەن نىڭشيا ئويۇن قويۇش گۇرۇھى چىنچياڭ تىياتىرخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، تىياتىرخانا باشلىقى، ۋەكىل خوۋ يەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەدەنىيەت بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ روھى، بىز تىرىشىپ غەربىي شىمال چىنچياڭ سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش بازىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، پۇقرالارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەتكە بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىمىز.»

  «كەنت شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاپېلسىن، مايلىق كامېلىيە دەرىخى قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يار-يۆلەك بولدى، يەنە يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پونكىتى، ياشانغانلارغا ۋاپادار بولۇش ئاشخانىسى قۇردى، كەنت ئاھالىلىرى يانچۇقىنى <بېيىتتى>، يەنە كاللىسىنىمۇ <بېيىتتى>.»

  جياڭشى ئۆلكىسى گەنجوۋ شەھىرى شاڭيوۋ ناھىيەسى فۇۋەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل كاڭ كۈەنجۈن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاش بىلەن بىللە، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ساددا خەلق ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، يېزا-كەنت مەدەنىيلىكىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

  ___ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشتۇر.

  بىرلىك GDP نىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى %26.4 تۆۋەنلىتىلدى، پاكىز ئېنېرگىيە ئىستېمال نىسبىتى %25.5 كە يەتكۈزۈلدى، ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەردىكى پاسكىنا سېسىق سۇ ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىلدى... بۇ ئون يىلدا، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاندى. ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: كېيىنكى قەدەمدە، ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلانغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيە ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  «ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشاش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشتا، يېشىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.» دۆلەت ئېلېكتىر تورى سىچۈەن ئۆلكىلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى، ۋەكىل تەن خۇڭئېن مۇنداق قارىدى: «دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى بىزدىن ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقا ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا بىز ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.»

  ___ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش — تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشتۇر.

  «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا بېرىپ-كېلىدىغان <پولات كارۋان>غا ئايلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.» جۇڭگو تۆمۈريولى جىنەن ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى، ۋەكىل ۋاڭ شىنچۇن مۇنداق قارىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر جۇڭگونىڭ «دوستلار چەمبىرىكى»نى بارغانسېرى كېڭەيتتى، «ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، دۇنياغا تېخىمۇ نەپ يەتكۈزدى.»

  «بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش، مۇستەملىكە، تالان-تاراج قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كونا يولىغا ئوخشىمايدىغىنى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ.» دۆلەت مۇداپىئە داشۆسى سىياسىي شۆيۈەنى ماركسىزم نەزەرىيەسى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل جياڭ يەنجۈن مۇنداق قارىدى: ھازىر، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچلىق، خاتىرجەملىككە بولغان ئۈمىدى تېخىمۇ سەمىمىي بولۇۋاتىدۇ، «بىز دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قەتئىي قوغداش داۋامىدا ئۆز تەرەققىياتىمىزنى كۆزلىشىمىز ھەم ئۆز تەرەققىياتىمىز ئارقىلىق دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.»

  ماھىيەتلىك تەلەپنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ياشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىش.»

  دېڭ ۋېي مۇنداق دەپ قارىدى: «پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى يىغىنچاقلاندى، ئۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىدىكى بىر قېتىملىق زور يېڭىلىق يارىتىشتۇر.» جياڭ يەنجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ ماھىيەتلىك تەلەپلەر زىچ باغلىنىشلىق، ئىچكى جەھەتتىن تۇتاشتۇرۇلغان، يېڭى دەۋردىكى ئون يىلدىكى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلەيدۇ.»

  كەلگۈسى بەش يىل — ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ باشلىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرى ۋە مۇھىم سىياسەت-فاڭجېنلىرى ئىلمىي پىلانلاندى. ۋەكىللەر بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاسارەتلىك-ياراملىق بولۇشقا، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  ئۇلۇغۋار نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش كېرەك.

  بېيجىڭ شەھەرلىك پەن-تېخنىكا كومىتېتى، جۇڭگۇەنسۈن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل شۈ چياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر بېيجىڭ خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىق ئامىلى يوشۇرۇن كۈچىنى كۈچەپ قويۇپ بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇۋاتىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شاڭخەي شەھەرلىك پەن-تېخنىكا خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل شۈ فېڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاڭخەينىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى، كېيىنكى قەدەمدە پەن تەتقىقات تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى نىشانلاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدۇ.

  جىلىن داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل جياڭ جىيىڭ مۇنداق دېدى: مائارىپ خىزمەتچىلىرى قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ئىرادە ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ توپلىشى كېرەك.

  جۇڭگو دېڭىز نېفىت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى نېفىت ئايرىش 7-بۆلۈمى ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىسى، ۋەكىل گاۋ دۇڭبىن مۇنداق دېدى: مەڭگۈ داتلاشمايدىغان «بۇرما مىخ» ياساپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ يېتەكلەپ، نېفىت خىمىيە ساھەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشى لازىم.

  ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

  چېڭدۇ قىزىل بايراق زەنجىرسىمان پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، ۋەكىل ساۋ شىرۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى پائال ئادا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىمىز.خەينەن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى دېڭىز قىرغىقى ساقچى باش ئەترىتى بىرىنچى تارماق ئەترىتى خۇڭداۋ دېڭىز قىرغىقى ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل ليۇ جى مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ۋەزىپىمىز دېڭىز بويىدىكى قىرغاق لىنىيە پورتلىرىنىڭ ئامانلىقىنى باشقۇرۇش– تىزگىنلەشتىن ئىبارەت، بىز قانۇن ئىجراسى نازارەتچىلىكىنى چىڭىتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز.»مۇھىم پىرىنسىپلارنى چىڭ ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرىمىز

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «دۆلىتىمىز تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ -خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلگە كىردى، تۈرلۈك <قارا قۇ>، <كۈلرەڭ كەركىدان> ۋەقەلىرى ھەر ۋاقىت يۈزبېرىشى مۇمكىن. بىز كۈلپەت ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تىنچ شارائىتتا خەۋپ- خەتەرنى ئويلاپ، سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇپ، بوران –چاپقۇننىڭ، ھەتتا دەھشەتلىك بوران-چاپقۇننىڭ ئېغىر سىنىقىغا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشىمىز شەرت.»

  دوكلاتتا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىلگىرىلەش يولىدا جەزمەن پۇختا ئىگىلەش زۆرۈر بولغان مۇھىم پىرىنسىپلار ئىزاھلاندى. ۋەكىللەر بەس–بەستە مۇنداق بىلدۈردى: مۇھىم پىرىنسىپلارنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، قەيسەرلىك بىلەن ئىلگىرلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگىرىشنى تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈگىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرىمىز.

  ____ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىمىز ۋە ئۇنى كۈچەيتىمىز.

  خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭشى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل چيې يىڭسەي مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر پارتىيەنىڭ بوران-چاپقۇن كەلگەندە پۈتكۈل خەلقنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچىسى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. يېڭى مۇساپىدە، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ھەرقايسى ھالقىلاردا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنى باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىمىز.

  ____ يولنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىرادىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرىمىز.

  ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇخۇ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل شەن شياڭچيەن مۇنداق دىدى: «بايراق يۆنىلىشنى بەلگىلەيدۇ، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىدا توغرا ماڭغىلى، راۋان ماڭغىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە چوقۇم مەزمۇت ماڭغىلى، ياخشى ماڭغىلى بولىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، ھازىر دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگىرىش تېز تەرەققىي قىلىپ دۇنيانىڭ، دەۋرنىڭ، تارىخنىڭ ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولماقتا. يېڭى مۇساپىدە، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ۋە مىللەتنى ئۆز كۈچىمىز ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىمىز.»

  ____ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، خەلق قەلبىنى ئىللىتىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرىمىز.

  شەنشى ئۆلكىسى باۋجى شەھىرى فېڭشياڭ رايونى چېنسۈن بازىرى خۇەيبېي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل جاڭ لىڭيۈن دوكلاتنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ مۇنداق دېدى: «پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا <تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش> ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملىدى. يېڭى مۇساپىدە، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە تىرىشىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلەرنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزىمىز.

  ____ ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇپ، بوشلۇق ئېچىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرىمىز.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر، شۇنداقلا «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر.

  گۇاڭدۇڭ شىنخۇي مېيدا جىنلۇن پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى، ۋەكىل چېن شىن مۇنداق دەپ قارىدى: «بۇ يىللاردا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش كەڭ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشتى، ئىسلاھاتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇلىرى يەنىمۇ ھەل قىلىنىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى يەنىمۇ پىشىپ يېتىلدى، پۇقراۋى ئىگىلىك تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە يۈزلىنىدۇ.»

  جۇڭگو باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان بۇيۇملار گۇرۇھىنىڭ سەنيا شەھىرى ئىچىدىكى باج كەچۈرۈم قىلىش دۇكىنى چەكلىك شىركىتى سېتىش بۆلۈمى سېتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل ليۇ جىلى مۇنداق قارىدى: «ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتسەك، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكىلى بولىدۇ. يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى، تەرەققىياتنى، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتى كۈچى، ئىلاستىكىلىقى ۋە تەرەققىيات بوشلۇقىنى داۋاملىق كېڭەيتىدۇ.»

  ____ كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرىمىز.

  جۇڭگو نېفىت-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى غالىبىيەت نېفىتلىكى باشقۇرۇش ئىدارىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل نيۇ شۈەنۋېن مۇنداق بىلدۈردى: دۆلىتىمىز تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېنېرگىيە، بايلىق، ئاشلىق قاتارلىق خەلقئارا چوڭ تاۋارلار بازىرىنىڭ داۋالغۇشىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، تەرەققىياتتا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىشىمىز كېرەك، ئېنېرگىيە ساھەسىدە تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئېنېرگىيە تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتىمىز.»يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە، يېڭى بۇرچ، يېڭى ۋەزىپە.

  بۇ، ۋەكىللەرنىڭ قەتئىي ئىشەنچى ____ بۈگۈنكى كۈندە بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ زور، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ھازىرلىنايلى.بۇ، ۋەكىللەرنىڭ دەبدەبىلىك يۈرەك سۆزى ___ ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتايلى!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ