مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

توسىسىمۇ گەر ئون مىليون كىشى، ئىلگىرىلەيمەن باتۇرلارچە ئەبەد

2022.10.21 10:32 مەنبە: خەلق تورى

  ۋاقىت: 2022–يىلى 10–ئاينىڭ 17–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن

  كۈن تەرتىپ: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ پارتىيە 20–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلىشى

  پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ تەخمىنەن ئىككى يىلدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قېتىملىق يىغىندا تارىخنى پىششىق ئوقۇغان بىر يازغۇچى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇنىڭ بىر ئېغىز سۆزى باش شۇجىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى: «بىزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىمىز تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن مىسلىسىز بولدى!»

  گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىۋاتقاندا، يەتتە-سەككىز يىل ئىلگىرىكى بۇ سۆز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېسىگە كەلدى. ئۇ ئۆتكەننى ئەسلەپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:

  «پارتىيە 18 قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى <بىر ئىشقا ئۇزاق يىل ئەجىر قىلىش كېرەك> دېگەن ئىرادە بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، <نەچچە مىڭ كىشى رەنجىتىلسە مەيلىكى، 1 مىليارد 400 مىليون كىشىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويۇشقا بولمايدۇ> دېگەن بۇرچ، مەسئۇلىيەت بىلەن تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتتى»، «بولۇپمۇ ئون يىلدىن بۇيان، بىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىن ئىبارەت بىر يۈرۈش <بىرىكمە مۇشت>ىمىز تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ.»

  پارتىيە 20–قۇرۇلتىيى دوكلاتى ئەڭ ئاخىرقى بابىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئائىت مەزمۇنىدا بىر چوڭ پارتىيەنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزى ئۈستىدە داۋاملىق ئىنقىلاب قىلىش ئىرادىسى ۋە جاسارىتى نامايان قىلىندى.

  باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: مەن كۆپ قېتىم پارتىيەمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ خاتالىق سادىر قىلمىغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئەزەلدىن كېسىلىنى يوشۇرماي، داۋالىنىشتىن باش تارتماي، ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىپ، دادىللىق بىلەن سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى تازىلىغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم، شۇڭا پارتىيەمىز 100 يىللىق بوران–چاپقۇندىمۇ يېڭىلمەيدىغان، ئۆرۈلمەيدىغان ماركىسىزملىق پارتىيە بولالىدى.»

  چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت مەغلۇپ بولۇشقا بولمايدىغان، شۇنداقلا قەتئىي غەلىبە قىلىدىغان مۇھىم، زور كۈرەشتە باش شۇجى شى جىنپىڭ نۇرغۇن مەسىلىگە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى. بۇ قېتىم ئۇ قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى:

  «كوممۇنىستلار ماتېرىيالىزمچىلاردۇر، ئۇلار ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ، دەھشەتلىك بوران– چاپقۇندىن، دولقۇنلاردىن قورقامدۇ؟ شۇنداق دەيمەنكى <توسىسىمۇ گەر ئون مىليون كىشى، ئىلگىرىلەيمەن باتۇرلارچە ئەبەد>! قورققۇدەك يېرى يوق.»

  توختىماي ئىلگىرىلەپ، قەتئىي بوشاشماشلىق كېرەك. «ئاتاكا سىگنالىنى مەڭگۈ ياڭرىتىش شەرت» ___ تەنتەنىلىك ھالدا پارتىيە 20–قۇرۇلتىيىغا كىرگۈزۈلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇزاكىرىدە مۇنداق ئىزاھلىدى: «بىزدە مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان غەيرەت بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، كوممۇنىستىك پارتىيەمىز ھەقىقىي سىناققا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ