مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«بۇ ئىشنى مەردانىلىك بىلەن پەخىرلەنگەن ھالدا قىلىشىمىز كېرەك»

2022.10.21 10:29 مەنبە: خەلق تورى

  ۋاقىت: 2022–يىلى 10–ئاينىڭ 17–كۈنى

  كۈن تەرتىپ: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ پارتىيە 20–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلىشى

  5000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۈزۈلۈپ قالمىغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يىلتىزى ۋە جېنى. «<ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش>نى تەكىتلەش يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئىجادىي خاراكتېرى».

  يىغىن مەيدانىدا، ۋەكىللەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى چوڭقۇر ئىزاھاتىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلىدى.

  «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ داۋاملىشىشى، توغرا بولغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، سوتسىيالىزم يولىنىڭ بەرپا قىلىنىشى، ئەمەلىيەت داۋامىدا بۇ يولنىڭ توغرىلىقىنى ھەقىقىي ئىسپاتلىشىمىزغا ئەگىشىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچى بارلىققا كەلدى.»

  باش شۇجى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ بۇ يولدا مېڭىشى جۇڭگو مەدەنىيىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. بىز ماڭغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ ئىچكى گېن شىفىرى دەل مۇشۇ يەردە بولۇپ، ئۇنىڭدا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ گېن بار. شۇڭا بىز ھازىر بۇ ئىشنى مەردانىلىق بىلەن پەخىرلەنگەن ھالدا قىلىشىمىز، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قېزىپ، بىرلەشتۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.»

  ئىلىم-پەنگە ئىلمىي پوزىتسىيەدە مۇئامىلە قىلىش، ھەقىقەت روھى بىلەن ھەقىقەتكە ئىنتىلىش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «كېمىگە بەلگە سېلىپ خەنجەر ئىزدەشكە، ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش دەپ ئولتۇرۇشقا، شۇنداقلا يالغاندىن ياخشى كۆرۈشكە بولمايدۇ، چوقۇم ماركسىزم نەزەرىيەسى ئارقىلىق يېڭى دەۋردە جۇڭگودىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش كېرەك.»

  پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ « ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتە يېڭى مەنزىل ئېچىش كېرەك» دېگەن بابىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ. دوكلاتتا خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇش، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، جاھاننى كۆڭۈلگە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇش شەرتلىكى تەكىتلەندى. بۇ ئالتە چىڭ تۇرۇش دەل شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسى.

  ئەمەلىيەتنىڭ چېكى يوق، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭمۇ چېكى يوق. باش شۇجى ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يەنە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، يەنە نۇرغۇن يېڭى نەزەرىيە، يېڭى تەرەققىياتلار بولىدۇ، لېكىن قاتماللىشىپ، توختاپ قالسىلا خارابلىشىدۇ. مانا بۇ بىز ئېرىشكەن چوڭقۇر قائىدە.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ