مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە

2022.10.21 10:24 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق ... پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، بوران-چاپقۇنلارغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20– قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.»

  دوكلات ئاڭلاش، تەسىراتلىرىنى سۆزلەش، سۆزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كەلگۈسىنى سۆزلەش ... پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئىپتىخارلىق بىلەن بەس-بەستە مۇنداق بىلدۈرۈشتى: «100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تېپىپ، جۇڭگو خەلقى تېخىمۇ كۈچلۈك تارىخىي ئاڭلىقلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى، ئىلمىي سوتسىيالىزم 21-ئەسىردىكى جۇڭگودا يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدى»، «يېڭى دەۋردىكى ئون يىلدا ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇنىڭدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رولنى تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى»، «بىز چوقۇم ئۆتكەن بەش يىلدىكى خىزمەت ۋە يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق زور ئۆزگىرىشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ناملىق غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا تۆھپە قوشىمىز.»

  يول بويى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، دەۋر سەھىپىسىنى يارىتايلى

  «يېڭى دەۋرنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى پارتىيە بىلەن خەلق بىرلىكتە تىرىشىپ ئىشلەپ، كۈرەش قىلىپ ياراتقان!» 10-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتى جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ، 100 مىليونلىغان كىشىنى ئىلھاملاندۇردى. يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلغاندا، ۋەكىللەر بەس-بەستە يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى، ئۇلارنىڭ ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى چىرايىدىن چىقىپ تۇراتتى.

  بۇ 10 يىلدا، بىز جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق.

  سەنشى ئۆلكىسى لىڭچيۇ ناھىيەسى خۇڭشىلېڭ يېزىسى شياچېخې كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ۋاڭ چۈن مۇنداق دېدى: «پارتىيە بىزنى يېتەكلەپ ئېغىر نامراتلىق قورغىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، يېزىلاردىكى 100 مىليونغا يېقىن نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تارىخ سەھىپىسىدە نۇر چاقناپ تۇرىدىغان مۆجىزىلەرنى ياراتتى. بۇ 10 يىلدا، شياچېخې كەنتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.»«خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئىسلاھاتقا جاۋاب قايتۇرۇش. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ ئاشتى، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى، تېخىمۇ سىجىل داۋاملاشتى» دېدى، جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرى چىشيا رايونى شيەنلىن كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل سۈن جىندى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ 10 يىلدا بىز ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن چوڭ ئىش، مۇھىم ئىشلارنى قىلدۇق.

  تيەنجىن پورتى گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر، ۋەكىل چۇ بىن مۇنداق دېدى: «تيەنجىن پورتىنىڭ دۇنيادىكى 200دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىكى 800دىن ئارتۇق پورت بىلەن سودا ئالاقىسى بار، تاشقى سودا لىنىيەسىنىڭ ئۈنۈمى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. پورت، ئايرودۇرۇم، ئېنېرگىيە، سۇچىلىقتىن تارتىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغىچە كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان زامانىۋى ئۇل ئەسلىھەلەر دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنىڭ جانلىق مىسالى». «<سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق> مەن ئاسماننىڭ تېخىمۇ كۆك، تاغلارنىڭ تېخىمۇ يېشىل، سۇنىڭ تېخىمۇ سۈزۈك ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم» دېدى، سىچۈەن خىمىيە يېنىك سانائىتى داشۆسى خىمىيە ۋە مۇھىت قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ۋەكىل فۇ يۈخاڭ. بۇ ئون يىلدا، بىز كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كەينى- كەينىدىن كەلگەن غايەت زور خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا بەرداشلىق بەردۇق.

  «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارىتا، بىز كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشتەك تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زور ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئۆز خىزمىتىمىزنى چوقۇم ياخشى ئىشلەپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز» دېدى، نىڭشيا 4 - خەلق دوختۇرخانىسى پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ۋەكىل گۇ چۈنئې.

  يول بويى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، دەۋر سەھىپىسىنى يارىتايلى. شەرقتىكى قەدىمىي چوڭ دۆلەت دەۋرگە يېتىشىپ مېڭىشتىن دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبال نامايان بولدى.

  10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش تارىخ ئابىدىسىنى ياراتتى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20– قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «10 يىلدىن بۇيان، بىز بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىر قاتار ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، سىياسىي، ئىقتىساد، ئىدېئولوگىيە، تەبىئەت دۇنياسى قاتارلىق تەرەپلەردىكى خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ۋە تارىخىي ئۆزگىرىش ياساپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق.»

  بۇ، تاغ-دەريالارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، بۇ، قاينام-تاشقىنلىق داستان. پەۋقۇلئاددە ۋە قالتىس 10 يىل تارىخنىڭ يىلنامىسىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرىدۇ.

  پەۋقۇلئاددە 10 يىلدىن كېيىن، پارتىيە ئىنقىلابىي تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى.

  «پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتىن <سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە> بويىچە يامانغا لەنەت ئوقۇپ، ياخشىغا مەدەت بېرىشكىچە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەشكىچە، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ئىقتىدارى، ئاممىۋى تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە ئىجتىمائىي چاقىرىق ئىقتىدارى روشەن كۈچەيدى» دېدى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ۋەكىل فەن بو.

  ئادەتتىن تاشقىرى ئون يىلنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ كۈچەيدى، كۈرەش روھى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولدى، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

  «ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سەھنىسىدە تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدىم» __ خېبېي ئۆلكىلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا مەركىزىدىن كەلگەن ۋەكىل گۇڭ لىجياۋ مۇنداق دېدى: ئون يىلدا، ئېلىمىزنىڭ ماھارەت تەنتەربىيەسى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇرۇقىمۇ جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتتى.

  «ئالىي مەكتەپتە تۇرۇۋاتقان بولغاچ، مۇشۇ يىللاردا بىر تۈركۈم مۇھىم، زور پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ بەس-بەستە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا پائال ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىمىزنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم» __ جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، نەنچاڭ داشۆسى يېمەكلىك ئىلمى ۋە تېخنىكىسى دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل شيې مىڭيۇڭ: پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى تېخىمۇ كۈچلۈك تارىخىي ئاڭلىقلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئۇرغۇتتى، دېدى.

  ئادەتتىن تاشقىرى 10 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساسقا، تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە بولدى.

  گۇۋاڭدوڭ ئۆلكىلىك لۇڭچۇەن ۋېيدا ئىزولياتسىيە ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خۇاڭ دوڭيۈن مۇنداق دېدى: «بۇ ئون يىل ئىسلاھات-ئېچىۋىتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرلۇشى چۇڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇستەھكەم ماددى ئاساس ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى ھازىرلىغان ئون يىل بولدى، بىز پۇرسەتنى تۇتۇپ، تېخىمۇ تىرىشىپ، تېخىمۇ ياخشى كارخانا تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.»ئىلمىي سوتسىيالىزىم باشتىن كەچۈرگەن بۇ ئاجيىب ئون يىلدا 21-ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ يېڭىچە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى.

  سۇجۇ داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جىياڭ يوڭ مۇنداق دېدى: «سوتسىيالىزم بۇرۇنقىلار قىلىپ باقمىغان ئىش بولسىمۇ ئەمما بىز باشتىن-ئاخىر يول ئېچىپ ئىزدىنىش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلىدۇق. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ تولۇق نامايان قىلدى». قۇرۇلتاي ۋەكىلى جياڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىللاردا جۇڭگۇچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى بارغانسېرى داغداملىشىپ تەرەققىي قىلدى ۋە دۇنياغا بەخت ياراتتى.

  ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش تارىخىي ئابىدە ياراتتى. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدى ۋە داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكى ۋە توغرا يول يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مىلياردلىغان خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، جۇڭگو خەلقى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىش، ئالغا ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتالايدۇ!

  «مۇقەررەر يول»نى ياخشى بېسىپ، يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر شۇنى ئەستە چىڭ ساقلىشى كېرەككى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىنىڭ مۇقەررەر يولى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى دەۋردە تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنىڭ مۇقەررەر يولى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ، يېڭى سىناق يولىدا ياخشى مېڭىشىنىڭ مۇقەررەر يولى.يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىگە نەزەر سالغان ۋەكىللەر بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: «بەش مۇقەررەر يول»دىن ئىبارەت مۇھىم ھۆكۈم بىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا ئېرىشكەن ئىنتايىن مۇھىم قانۇنىيەتلىك تونۇشىمىز، ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، ئۇنىڭدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.يېڭى مۇساپىدە، بىز پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدىشىمىز كېرەك.لياۋنىڭ ئۆلكىسى تيېلىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سۇڭ چېڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى». بىز پارتىيە بايرىقى ئاستىدا ئىتتىپاقلىشىپ «پولاتتەك» ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

  يېڭى مۇساپىدە، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا باشتىن-ئاخىر ئېغىشماي مېڭىشىمىز كېرەك.

  گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى جۇخەي شەھىرى شياڭجوۋ رايونى گوڭبېي كوچىسى ماۋشىڭ ئاھالە كومتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ياڭ بىن مۇنداق دېدى: «مۇرەككەپ ئون يىلدىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە مەركىزى كومتېتىنىڭ چوڭ-چوڭ سىياسەت-فاڭجىنلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تامامەن توغرا. بىز چوقۇم مۇلازىمەت خىزمىتىنى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك».

  يېڭى مۇساپىدە بىز بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇشىمىز كېرەك.

  گۇيجۇ ئۆلكىسى چيەنشى شەھىرى شىنرېن مياۋزۇ يېزىسى خۇاۋۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شۈ لېي مۇنداق دېدى: «ئون يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، سانسىزلىغان مۆجىزىلەرنى ياراتتى. بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز».

  يېڭى مۇساپىدە بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە توغرا، ئومۇمىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتى يارىتىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  يېڭى مۇساپىدە، بىز پارتىيە قۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، دادىللىق بىلەن ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىمىز كېرەك.

  قۇرۇلتاي ۋەكىلى، شاڭخەي لىنگاڭ يېڭى تەۋەلىك رايونلۇق مەبلەغ سېلىش-پاي تىزگىنلەش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى لۇ يىڭچىڭ مۇنداق دېدى: «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوقۇم قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە سىجىللىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك».

  يېڭى مۇساپىدە بىز ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئۇنتۇماي، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىمىز كېرەك.

  خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭشى شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ليۇ لياڭ مۇنداق دېدى: «ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشتا، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق زىيانلىق ئامىللارنى، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان بارلىق كېسەللىكلەرنى ئۈزلۈكسىز تازىلاپ، پارتىيەنى باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن دىلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران-چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك».

  ئۆتمۈشكە نەزەر سالغىنىمىزدا ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق شانلىق تارىخ ياراتقانلىقىمىزنى كۆرەلەيمىز. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، بىز يەنە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىمىز.

  ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغانلا بولساق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ھەيۋەتلىك پاراخوتى چوقۇم دولقۇن يېرىپ ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرىلىيەلەيدۇ، مىلياردلىغان جۇڭگو خەلقى چوقۇم ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغ زامان تارىخىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي پەيتىنى يارىتالايدۇ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ