مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

20- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئۈچ چوڭ ئىش»نى چوڭقۇر خۇلاسىلىدى

2022.10.20 15:17 مەنبە: خەلق تورى

  «ئون يىلدىن بۇيان، بىز پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۈچ چوڭ ئىشنى باشتىن كەچۈردۇق: بىرىنچىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق، ئىككىنچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، ئۈچىنچىسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تارىخىي ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق».

  10-ئاينىڭ 16-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 20-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا تىلغا ئالغان بۇ ئۈچ چوڭ ئىش مىليونلىغان خەلقنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي غەلىبە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان تارىخىي غەلىبە، شۇنداقلا دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان تارىخىي غەلىبە.

  دوكلاتنى ئاڭلىغانلار ھاياجانغا تولىدۇ. ئۈچ چوڭ ئىش ئادەتتىن تاشقىرى ئون يىلدا يۈز بەردى. يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بىز ئىدىيەنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ھېس قىلدۇق


  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. ئون يىلدىن بۇيان، پارتىيىمىز يېڭى نەزەر بىلەن كومپارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى ۋە ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بەرپا قىلىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.ئەمەلىيەت بىزگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قىلالىدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى دېگەننى بىلدۈردى. بۇ تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزمنىڭ قىلالايدىغانلىقىنى، جۇڭگوچىلاشتۇرۇلغان، دەۋرلەشتۈرۈلگەن ماركسىزمنىڭ قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بىز ئېتىقادنىڭ تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ھېس قىلدۇق


  ئون يىلدىن بۇيان، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق. پارتىيە تارىخ ئارقىلىق رېئاللىقنى يورۇتۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ماھىيەتلىك خاسلىقىنى ئۆزگەرتمەسلىك، سىياسىي جاسارىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك، شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئۆزگەرتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلدى. يۈز يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قەيسەر، كۈچلۈك بولدى. يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ياراتتى.

  ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى، 96 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى باشتىن-ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى زىممىسىگە ئالسىلا، پارتىيەمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلىنالايدۇ.

  بىز كۈرەشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى ھېس قىلدۇق


  ئون يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، بوران-چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، بىرىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. يېڭى دەۋرنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە تىرىشىپ، كۈرەش قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن!

  دوكلات مەزمۇنى كىشىنى كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشقا ئۈندەيدۇ. كەلگۈسىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ جۇش ئۇرىدۇ، كۈرەش قىلىش روھى تېخىمۇ قايناپ تاشىدۇ، جەزمەن غەلىبە قىلىشتىكى ئېتىقادى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ