مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خۇنەن ئۆلكىسى خېڭنەن ناھىيەسى ئۆي-مەيدانلاردا سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنى تۈزۈمىنى يولغا قويدى —

ئۆي-مەيدانلاردا خەلق رايىنى ئاڭلاپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش لازىم (20-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى)

2022.09.19 22:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە، خۇنەن ئۆلكىسى خېڭنەن ناھىيەسىدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى كۆزلەش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى. 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، خېڭنەن ناھىيەسى چېجياڭ كوچا باشقارمىسى خېڭشىڭ كەنتىنىڭ ئىككى كومىتېتىدا ئۆي-مەيدانلاردا سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئاچتى.

  كەچ سائەت 8 دە، داتاڭجياۋ گۇرۇپپىسىدىكى فىيزى كۆلى بويىدىكى ئۆي-مەيدانلاردا، نەچچە ئون قىزىل سۇلياۋ ئورۇندۇق بىر چەمبەر ھاسىل قىلغانىدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئىككى كومىتېت كادىرلىرى بۇ يەردە ساقلاپ تۇراتتى، 35 نەپەر كەنت ئاھالە ۋەكىلى ئورۇن ئېلىپ، سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

  «مەن ئاۋۋال دەي!» __ كەنت ئاھالىسى ليۇ يوۋچاڭ ئارقىسىدىكى كۆلنى كۆرسىتىپ، گەپنى ئوچۇق قىلىپ: «كۆپچىلىك دىققەت قىلدىڭلارمۇ؟ فېيزىتاڭ كۆلىنىڭ يەنە بىر ئۇچى ياڭمېي تېغىغا يېقىن، تاغ بىلەن كۆل ئارىسىدا ئىزچىل مۇھاپىزەت يانتۇلۇقى ۋە قاشا يوق. بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، كەنتتە مىرىكا ئۈزىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، بەزىلىرى تېخى كىچىك بالىلىرىنىمۇ ئەگەشتۈرۈپ كېلىدۇ، ئەگەر توسما ياسالمىسا، باشقىلارنى كۆلچەككە چۈشۈپ كەتمەيدۇ، دېگىلى بولمايدۇ...»

  تاغدىكى 800 مو كېلىدىغان مىرىكازارلىق كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكى بولۇپ، فېيزىتاڭ بىلەن تۇتىشىدۇ. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ليۇ يوۋچاڭ سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىرلاشقانلىقتىن، ئون نەچچە تۈپ مىرىكا دەرىخى يىلتىزىنىڭ قىرغاققا يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى بايقىدى، «ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆلچەكتە لاي-لاتقىلار تىنىپ قالغاچقا، سۇ يۈزى بەك تېيىز، ھېچقانچە سۇ قاچىلىغىلى بولمايدۇ. سۇ يۈزىگە قارايدىغان يانتۇلۇقنى قاتتىقلاشتۇرۇش كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق!»

  بۇنى ئاڭلاپ، داتاڭجياۋ گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يۈەنليۇ: «سۇ قاچىلاپ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا، فېيزىتاڭ — كەنتىمىزدىكى تايانچ كۆلچەك بولۇپ، تۆۋەنكى ئېقىمدىكى بەش گۇرۇپپىنىڭ 700 موغا يېقىن شاللىقىنى سۇغىرىدۇ. ئەمما كۆلچەكتىن سۇ باشلىنىدىغان بۇ غول ئۆستەڭ يەنىلا ‹پاتقاق ئۆستەڭ› بولۇپ، لاي-لاتقىلار دائىم ئۆستەڭنى توسۇپ قويىدۇ. بۇ يىل قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، دېھقانلار ھەر كۈنى لاي-لاتقىلارنى ئادالىدى، كەنت بۇ ئۆستەڭنى قاتتىقلاشتۇرۇپ بېرەلەمدۇ؟»

  ئۈچ مو ئېتىزغا شال تېرىغان ليۇ يوۋچاڭ تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: «شۇ ئەمەسمۇ! سۇ ‹لاي ئۆستەڭ› دىن ئېقىپ ئۆتكەندە بىر تەرەپتىن ئېقىپ، بىر تەرەپتىن تېشىپ كېتىپ، ناھايىتى ئىسراپچىلىق بولدى.»

  بەزىلەر سۆز باشلاپ بەرگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى بەس-بەستە كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى قىلىشتى ——

  «كەنتتىكى ھەممە ئائىلىدە توخۇ، ئۆردەك باقىدۇ، سولاپ قويماي باقىدىغانلار كۆپ بولۇپ، مۇھىت تازىلىقىغا تەسىر يەتكۈزدى»، «ساياھەتچىلەر كۆپ بولسىمۇ، كەنتتە تۈزۈكرەك ماشىنا توختىتىش مەيدانى يوق»، «بىز سىرتقا چىقىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ كۆزەتتۇق، باشقا كەنتلەر ئاسفالت يول ياساپتۇ...»

  كۆپچىلىك ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلىدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى ۋۇ گوچېڭ بىر-بىرلەپ خاتىرىلىگەچ: «بۇ مەسىلىلەر كۆپچىلىكنىڭ خېڭشىڭ كەنتىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان تەقەززاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىزنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلىرىمىزگە مۇھىم نۇقتا كۆرسىتىپ بەردى» دېدى.

  ئۇ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: فېيزىتاڭ كۆلىنى قوغداش ۋە قاشالاشقا قارىتا، كەنت تېزدىن كونكرېت لايىھە چىقىرىدۇ. ياڭمېيشەن تېغى بىلەن فېيزىتاڭ كۆلى كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكى بولغاچقا، كەنت كوللېكتىپى بىر قىسىم مەبلەغنى سەپلەپ، 11-ئايدا سۇ يۈزىگە قارىتىلغان تاغ يۈزىنى مۇھاپىزەت قىلىش قۇرۇلۇشىنى تاماملاشقا تىرىشىدۇ. فېيزىتاڭ غول ئۆستىڭىنى رېمونت قىلىشنى كەنت ئاللىبۇرۇن پىلانلاپ بولغان، ھازىر ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى تۈرىنى قولغا كەلتۈردى، مۆلچەرلىنىشىچە، 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خېرىدار چاقىرىش تاماملىنىپ، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ قۇرۇلۇش باشلىنىپ، سۇغىرىشتىكى غەم-ئەندىشە ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىنىدۇ.

  «كەنتتىكى ئاساسلىق غول يول 8.85 كىلومېتىر بولۇپ، مەبلەغ يېتىشمىگەچكە، ھەممە يەرگە ئاسفالىت ياتقۇزۇشقا ئامال بولمىدى، بۇ يىل 1.5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئاسفالىت ياتقۇزۇشقا تىرىشىمىز.» ۋۇ گوچېڭ مۇنداق دېدى: كەنتنىڭ يىرىك پىلانى بويىچە، كېيىنكى قەدەمدە ئۈچ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇپ، 40 نەچچە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بىلەن تەمىنلىنىدۇ؛

  «توخۇ، ئۆردەكلەرنى كاتەكتە بېقىش توغرىسىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەنە نۇرغۇن ئەندىشىسى بار.» ۋۇ گوچېڭ كۆز ئالدىدىكى قىيىنچىلىقنى ئوتتۇرىغا قويدى: «بەزىلەر كاتەكتە باققاندىن كېيىن توخۇ، ئۆردەكلەرنىڭ تۇخۇم تۇغماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن، بەزىلىرى كاتەكتە باققاندىن كېيىن توخۇ، ئۆردەك گۆشىنىڭ يېيىشلىك بولماسلىقىدىن ئەنسىرەيدىكەن. بىز داۋاملىق ئۆي-مەيدان سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئارقىلىق خىزمەت ئىشلەپ، كۆپچىلىك ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن يولغا قويىمىز.»

  «ئەگەر زۆرۈر بولسا، مەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ خىزمەت ئىشلەپ، كاتەكتە بېقىشنىڭ پايدىسىنى سۆزلەپ بەرسەم بولىدۇ.» ليۇ يوۋچاڭ ئورنىدىن تۇردى، نەق مەيداندىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئامما بەس-بەستە ئىپادە بىلدۈرۈپ قوللىدى.

  ئۆي-مەيداندا ئەل رايىنى ئاڭلاپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلدى. 2019-يىلىدىن بۇيان، خېڭشىڭ كەنتى جەمئىي 65 قېتىم ئۆي-مەيداندا سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئېچىپ، پاسكىنا سۇنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش، يول چىرىغى ئورنىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چوڭ راك باقمىچىلىقى، ئالتۇن ئاپېلسىن ئۆستۈرۈش قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. «قايتا-قايتا كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، كۆپچىلىك بىر نىيەتتە بولۇپ، بىرلىكتە كۈچ چىقاردى.» ۋۇ گوچېڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر خېڭشىڭ كەنتىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 28 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  خېڭنەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇ گوشيۇڭ مۇنداق دېدى: ئۆي-مەيداندا سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىدىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېڭنەن ناھىيەسى ئۆي-مەيداندا سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا سىياسەتنى تەشۋىق قىلىپ، ئەلرايىنى ئاڭلاپ، زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ، غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، تەرەققىياتنى پىلانلىدى، 2019-يىلىدىن بۇيان جەمئىي 12 مىڭ 928 مەيدان ئۆي-مەيداندا سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئېچىپ، 10 مىڭ 293 پىكىر-تەكلىپ توپلىدى، 8403 مەسىلىنى ھەل قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ