مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

20 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى ئاسىيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى مالدىۋې كوماندىسىنى يەڭدى

2022.09.15 20:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 14-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى ئاسىيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى نۆلگە قارشى بەش نەتىجە بىلەن مالدىۋې كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۇدا ئىككى قېتىم غەلىبە قىلدى.

  22 مىنۇت بولغاندا، ئەفىرىدىن ئەسقەر ئوڭ يول ئاستىدا توغرىسىغا پاس بەردى، رەخمىتۇللا شۆھرەت ئوتتۇرا يولدا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ نومۇر ئالدى. 34 مىنۇت بولغاندا، ئەفىرىدىن ۋاراتار ئالدىدا نۇقتا تالىشىپ، نومۇر ئۈستۈنلۈكىنى كېڭەيتتى. بەش مىنۇتتىن كېيىن، بەھرام ئابدۇۋەلى يان تەرەپتىن پاس بەردى، رەھمىتۇللا يەنە بىر توپ كىرگۈزدى، جۇڭگو كوماندىسى نۆلگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

  مەيدان ئالماشتۇرۇپ مۇسابىقە داۋاملاشتى، چېن جېشۈەن بىلەن مەۋلان مىجىت 61-ۋە 87-مىنۇتتا بىردىن توپ كىرگۈزدى، جۇڭگو كوماندىسى ئاخىرىدا نۆلگە قارشى بەش نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى.

  تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە، جۇڭگو كوماندىسى كېيىنكى يېرىم مەيدان ۋاقىت تولۇقلاش باسقۇچىدىكى ئىككى نۇقتا توپ ئارقىلىق، بىرگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن بېرما كوماندىسىنى يەڭگەن ئىدى.

  بۇ نۆۋەتلىك 20 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى، ئۆزبېكىستان كوماندىسى، بىرما كوماندىسى، مالدىۋې كوماندىسى بىلەن بىر گۇرۇپپىدا بولدى. مۇسابىقە قائىدىسىگە ئاساسەن، 10 گۇرۇپپىنىڭ ھەربىرىدىكى نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولغان بىردىن كوماندا ۋە گۇرۇپپىدا ئىككىنچى بولغانلار ئىچىدىكى نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بەش كوماندا 2023-يىللىق ئۆزبېكىستان 20 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.

  گەرچە ئۆزبېكىستان كوماندىسى مالدىۋې كوماندىسى، بىرما كوماندىسى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىنى يەڭگەن بولسىمۇ، لېكىن بىۋاسىتە رەسمىي مۇسابىقىگە كىرگەن ساھىبخان كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزبېكىستان كوماندىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە ھەرقايسى كوماندىلار بىلەن بولغان مۇسابىقە نەتىجىسى ئەڭ ئاخىرقى رەتكە تىزىلمايدۇ.

  مۇسابىقە مۇساپىسىگە ئاساسەن، جۇڭگو كوماندىسى شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ۋە 18-كۈنى ئۆزبېكىستان كوماندىسى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ