خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسى ئېرىقبېشى كەنتى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، سابىق كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى نۇر نامەتقارى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك يالغان گەپلەرگە رەددىيە بەردى.
نۇر نامەتقارى تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىش مەزگىلىدە، ئۆزىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ۋە باشقا كۇرسانتلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش شارائىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، تۈرلۈك ھوقۇقلىرى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەن. تەلىم-تەربىيەنى تاماملىغان ئايال كۇرسانت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ تەنتەنىلىك ھالدا: تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە، ھېچقانداق ئايال تەربىيەلەنگۈچىگە جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىنمىدى، دەپ جاكارلىدى.
نۇر نامەتقارى ھاياجانلانغان ھالدا ئۆزىنىڭ بىر بالىسى بارلىقىنى، ھازىر يەنە ھامىلىدار بولغىلى بەش ئاي بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ پىتنە-ئىغۋا تارقاتقۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر يەنە ئايال كۇرسانتلارنى ھاقارەتلىسە، قانۇنىي يول ئارقىلىق مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، كەڭ ئايال كۇرسانتلارنىڭ نام-شۆھرەت ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ