مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ خىل جىنايەتكە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ! بەش خىل تىپىك دېلو مىسالى ئ‍ېلان قىلىندى

2022.09.14 14:34 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى، ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ، ئاكسىيە جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشتىكى بەش تىپىك دېلونى ئېلان قىلدى.


  بەش تىپىك دېلو مىسالى:


  1. ما X قاتارلىق كىشىلەر بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ ياكى يۇشۇرۇپ، ئاكسىيە بازىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان


  2. گو Xجۈن قاتارلىق كىشىلەر بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان ياكى يۇشۇرغان


  3. جياڭ X جۈن بىلەن ليۇ X ئاشكارىلانمىغان ئۇچۇر ئارقىلىق سودا قىلغان


  4. ۋاڭ X بىلەن لى X يەڭ ئىچىدە سودا قىلغان


  5. شيەن X پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئاكسىيە بازىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان


  بۇ بەش تىپىك دېلو مىسالى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش ياكى يۇشۇرۇش جىنايىتى، ئاكسىيە بازىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش جىنايىتى، ئاشكارىلانمىغان ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ سودا قىلىش جىنايىتى، يەڭ ئىچىدە سودىلىشىش جىنايىتى، لەۋزىدە تۇرماي پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى قاتارلىق ئاكسىيە جىنايەتلىرىگە چېتىلىدۇ.


  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 4ـ تەپتىش نازارىتىنىڭ نازىرى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جۇڭگو ئاكسىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى تەپتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ شياۋجىن مۇنداق دېدى: تىپىك دېلو مىساللىرىنى بىرلىشىپ ئېلان قىلىپ، دېلو مىسالىنىڭ يېتەكچىلىك، تەربىيەلەش، ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېلو مىسالىنى ئېلان قىلىپ، دېلو مىسالى ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈپ، پاينى بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ باش مۇدىرى، باش نازارەتچىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى، ئاكسىيە ئاپپاراتلىرى ۋە ۋاسىتىچى ئاپپاراتلاردىكى كەسىپكارلارنى قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى، ئەدلىيە ئورگانلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالايدۇ.


  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئاكسىيە بازىرىدىكى جىنايى قىلمىشلارنى جازالاش جەھەتتىكى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى: 2021-يىلىدىن بۇ يىل 6-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى تۈرلۈك ئاكسىيەگە دائىر جىنايەتلەرگە چېتىشلىق 376 كىشىنى ئەيىبلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بۇ يىل 1 ـ ئايدىن 6 ـ ئايغىچە 147 كىشى ئەيىبلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %93.4 ئاشقان. زور ئىجتىمائىي تەسىرگە ئىگە مالىيەدە ساختىلىق قىلىش، بازارنى تىزگىنلىۋېلىش، يەڭ ئىچىدە سودىلىشىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بىر تۈركۈم دېلولارنى بېجىرىپ، ئاكسىيەگە چېتىشلىق جىنايەتكە زەربە بېرىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى شەكىللەندۈردى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ