دېلومىسالى
مەلۇم بىر كۈنى، شياۋجوۋ ئۆي ئىجارىگە بېرىش ئېلانىنى كۆرۈپ، ئىجارىگە بەرگۈچى شياۋۋاڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆي ئىجارە ئېلىش ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈردى. ئەتىسى شياۋجوۋ ئۈندىداردا شياۋۋاڭغا 10 مىڭ يۈەن ئالدىن پۇل تاپشۇرغان ھەمدە 15 كۈندىن كېيىن ئۆي ئىجارە ئېلىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى پۈتۈشكەن. ئۈچ كۈندىن كېيىن، شياۋۋاڭ ئۆيىنى شياۋ لىغا ئىجارىگە بەردى. شۇڭا شياۋجوۋ شياۋۋاڭدىن ئالدىن تاپشۇرغان پۇلىنى ئىككى ھەسسە قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، شياۋۋاڭ رەت قىلغان. شياۋجوۋنىڭ تەلىپىنىڭ قانۇنىي ئاساسى بارمۇ؟
دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش
يوق. ئالدىن تاپشۇرغان پۇل ئادەتتە ئالدىن چىقىم قىلىنغان پۇل دەپ قارىلىدۇ، زاكالەت بولسا كېپىللىك توختامىنى ئادا قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ 586-ماددىسىدا: «ئالاقىدار كىشى بىر تەرەپ قارشى تەرەپكە زاكالەت بېرىشنى ھەقدارلىقنىڭ كېپىللىكى قىلىدۇ دەپ پۈتۈشسە بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. زاكالەت توختامى ئەمەلىي زاكالەت تاپشۇرغان ۋاقىتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ 587-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسا، زاكالەت باھاغا سۇندۇرۇلۇشى ياكى قايتۇرۇۋېلىنىشى كېرەك. زاكالەت بەرگەن تەرەپ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلماي، توختامنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىسا، زاكالەتنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ زاكالەت ئالغان تەرەپ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلماي، توختامنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي قالسا، زاكالەتنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ