مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشى بويىچە ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلار يېڭى ئامبۇلاتورىيەنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا ياردەم بەردى

2022.09.14 14:28 مەنبە: خەلق تورى

  9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن قوماندان مى جيا ئەترەتنى باشلاپ خوتەن ۋىلايەتلىك ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم «بالىلار دەسلەپكى تەرەققىيات مەركىزى» قاتارلىق بېيجىڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلارنىڭ باشلامچىلىقىدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئامبۇلاتورىيەنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


  مىجا بىلەن رابىيە ئابدۇراخمان بىرلىكتە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئامبولاتورىيىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.


  مۇراسىمدا، مى جيا خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ۋىلايەتلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر رابىيە ئابدۇراخمان بىلەن بىرلىكتە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان بالىلار دەسلەپكى تەرەققىيات مەركىزى، تۇغۇت بۆلۈمى ئوزۇقلۇق ئامبۇلاتورىيەسى، ئۆزگىچە جۇڭيى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيەسى ۋە دىيابېت كېسەللىكلىرى بىر كۈنلۈك ئامبۇلاتورىيەسىدىن ئىبارەت تۆت يېڭى ئامبۇلاتورىيەنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.


  ئىگىلىنىشىچە، 8 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئانا - بالىلارغا مايىللىشىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خوتەن ۋىلايىتىدە «ئانا - بالىلارنى كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈش»قۇرۇلۇشى، «بەختلىك ئانا» ۋە «شەبنەمدىكى بىخ» پىلانىنى قانات يايدۇرغان.


  بۇ يىل خوتەن ۋىلايەتلىك ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ما ياڭ، سۇڭ ۋېي، جاۋ پېي ۋە شۆ چاۋ قاتارلىق تۆت دوختۇر بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، تۇغۇت بۆلۈمى، جۇڭيى تېبابىتى ئاياللار بۆلۈمى ۋە B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش كەسپىي يۆنىلىشىنى ئاساس قىلىپ، ۋىلايەتنىڭ «يەتتە ناھىيە، بىر شەھەر»دىكى ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بۆلۈم قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلىشىغا ياردەملىشىپ، سۈپەتنى چىڭ تۇتۇشنى كۈچەيتىپ، تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى تايانچلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۇسۇللار ئارقىلىق خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىدىكى ساغلاملىق مۇلازىمىتى ۋە مەخسۇس بۆلۈم ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. 6 - ئايدىن باشلاپ، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئامبۇلاتورىيەدە 5000دىن ئارتۇق ئاياللار ۋە بالىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.


  مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مى جيا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ۋىلايەتلىك ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى قۇرۇۋاتقان تۇغۇت ئۆيى ۋە ئوپېراتسىيە ئۆيى قاتارلىق يېڭىدىن قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان كەسپىي تارماقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، دوختۇرخانا رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە بېيجىڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش خىزمىتى ئەھۋالىنى يەنىمۇ ئىگىلەپ، كېلەر يىلقى بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە پىلانلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ