مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكىنىڭ ئۆزەك ئېكسپورتىنى چەكلىشى پەن-تېخنىكا زومىگەرلىكى

2022.09.14 14:23 مەنبە: خەلق تورى

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 12-چېسلا ھەممىدىن خەۋەردار ئەربابلارنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتى كېلەر ئايدا ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزەك ۋە ئۆزەك ياساش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشقا قويغان چەكنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى پىلانلىغان.9-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، باياناتچى ماۋ نىڭ مۇخبىرلارنىڭ ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قىلىشى پۈتۈنلەي پەن-تېخنىكا زومىگەرلىكىدۇر. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ پەن-تېخنىكىدىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارغا ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇندى، ئامېرىكا ئاغزىدا «ئادىل رىقابەتلىشىپ، قائىدىنى ئاساس قىلىش كېرەك» دەيدۇ-يۇ، ئەمەلىيەتتە قىلىۋاتقىنى «ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا، ئەمەلىي كۈچنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قۇيۇش»تىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئامېرىكا جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مەڭگۈ كەسىپ زەنجىرىدە تۆۋەن ئۇرۇندا تىزگىنلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئامىرىكىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلى ئىجادىي ئەمەس.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ