مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياڭ فۇلىننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوت ئېچىلدى

2022.09.09 12:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن قوماندانى، پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى ياڭ فۇلىننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئاچتى.

  جىنەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: جاۋابكار ياڭ فۇلىن 2001-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 6-شى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭى، بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىك 14-شىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى، شىجاڭى، بىڭتۈەن (يېزا ئىگىلىك) 3-شىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى، تۇمشۇق شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، دېلونى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە ياردەم بېرىپ، بىۋاسىتە ياكى ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 30 مىليون 490 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان مال-مۈلۈكنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان.

  سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، ئەيىبلىگۈچى ئورگان ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ، جاۋابكار ياڭ فۇلىن ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى بىلەن يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلاش ئېلىپ باردى، ئەيىبلىگۈچى، ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تولۇق پىكىر بايان قىلدى، ياڭ فۇلىن ئەڭ ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلدى ھەمدە سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ، توۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سوت ئاخىرىدا، سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقى، مۇۋاپىق ۋاقىتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئاخبارات مۇخبىرلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى ئاممىدىن بولۇپ 10 نەچچە كىشى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ