مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ ئېگىز بىناسى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ (يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇش . ئاجايىب ئون يىل)

2022.09.07 13:16 مەنبە: خەلق تورى

  ئۇلۇغلۇق ئاددىيلىقتىن كېلىدۇ، ئاددىيلىق ئۇلۇغلۇق يارىتىدۇ. «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر» ئادەتتىكى خىزمەتلەردە ئاجايىب نەتىجىلەرنى ياراتقانلىقتىن شۇ قەدەر قەدىرلىك.


  لى پېيشېڭ بىلەن خۇ شياۋچۇن ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇاڭشەن مەنزىرە رايونىدا مۇھىت تازىلىقى ۋە «مېھمان كۈتۈش قارىغىيى» نى ئاسراش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاددىي كىشىلەر بولۇپ، تالاي يىللاردىن بېرى تىك يارنىڭ تازىلىقىنى قىلىپ، مىڭ يىللىق «مېھمان كۈتۈش قارىغىيى» نى ئاسراپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن گۈزەل خۇاڭشەن تېغىنى قوغدىدى. 2012 - يىلى ۋە 2021 - يىلى، ئىككىيلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كەسىپنى قەدىرلەش، تۆھپە قوشۇش تۈرىدىكى «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر» قاتارىغا كىرگەن.


  باش شۇجى شى جىنپىڭ 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر» قاتارىغا كىرگەن لى پېيشېڭ ۋە خۇ شياۋچۈنلەرگە «مەن سىلەرنىڭ ياخشى ئۈلگىلىك رولۇڭلارنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىك ۋە ئاكتىپ كۈچنى پائال تارقىتىپ، ئەتراپىڭلاردىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئالغا بېسىشقا يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ جەمئىيەتتىكى ياخشى پۇقرا، ئىدارىدىكى ياخشى خىزمەتچى، ئائىلىدىكى ياخشى ئەزا بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنىڭ ھارارىتى ۋە قىزغىنلىقىڭلارنى بېغىشلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ جاۋاب خەت يازدى.
ئۇلۇغ دەۋر ئۇلۇغ روھنى چاقىرماقتا، ئۇلۇغ ئىشلار ئۈلگىلەرنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج. 136 كوللېكتىپ ۋە شەخسكە «دەۋر ئۈلگىسى» دەپ نام بېرىلدى، 299 كىشى «مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى، 300 كىشى «ئەڭ گۈزەل كۈرەشچانلار» دىن بولۇپ تەقدىرلەندى، 736 كىشى «ئەڭ گۈزەل شەخس» دەپ ئېلان قىلىندى، 11 مىڭ 585 كىشى «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر» دەپ باھالاپ چىقىلدى ... ئون يىلدىن بۇيان، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئۈلگىلىك كۈچى مىليونلىغان ئاممىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئالىي جاناب ئەخلاق-پەزىلەتكە ئىگە كىشىلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىختىساسلىق ۋە ئەخلاقلىق كىشىلەرنى كۆرگەندە ئۇلارنى ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلىشقا ئىنتىلىدىغان، ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق ئىشلارغا ئەخلاق ئارقىلىق مۇئامىلە قىلىدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندى.


  بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ تاغ-دەريالىرى گۈزەل، خەلقى مەردانە، ئىستىقبالى پارلاق. دەۋر ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى مىسلىسىز كەڭ سەھنە بىلەن تەمىنلىدى. ئون يىلدىن بۇيان، ئىجادىيەتنى يادرولۇق ۋەزىپە، ئويۇن قويۇشنى مەركىزىي ھالقا قىلغان خىزمەت مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. «ئۇلۇغ مۇساپە» ، «كۈرەش قىلايلى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى» ، «بىزنىڭ 40 يىلىمىز» قاتارلىق مۇھىم، زور ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ گۈزەل سەھىپىسىنى سۈرەتلىدى. ئۇسسۇللۇق تىياتىر «مەڭگۈ ئۈزۈلمەس دولقۇن»، ئۇسسۇللۇق شېئىرىي تىياتىر «چېكىگە يەتكەن يېشىلزار»، ئوپېرا «يىمېڭشەن تېغى» قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، توردا ۋە نەق مەيداندا قويۇلدى ۋە ئورۇندالدى. دراما «گۇ ۋېنچاڭ»، ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ساماۋى يول»، كونسېرت ئوپېراسى «جاڭ فۇچىڭ» ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «تاغ-دېڭىز مۇھەببىتى»، «كىشىلىك دۇنيادا»، كىنو «ئارال ساقلىغۇچى» قاتارلىق مۇنەۋۋەر رېئال تېمىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى دەۋر ۋە خەلقنى مەدھىيەلەپ، كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويلاندۇرۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى.


  2- ئاينىڭ 4 - كۈنى، باش باھاردا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇنىڭغا باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن «جۇڭگوچە ئۇسلۇب» پۈتۈن دۇنياغا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.


  قەدىمكىلەر يەكۈنلەپ چىققان ئىجادىيەت ئاساسىي قائىدىسىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ يېڭىچە، ئۆزگىچە ئىجادىيەت ۋەزىيىتىنى يارىتىشىمىز كېرەك. «ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقىنى سىستېمىلىق رەتلەپ، ئوردىدا ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، بىپايان زېمىندىكى مىراسلار، قەدىمىي كىتابلارغا يېزىلغان يېزىقلارنىڭ ھەممىسىنى جانلاندۇرىشىمىز كېرەك»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشى ۋە ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىشىمىز كېرەك» ... ئون يىلدىن بۇيان، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىدىيەۋى قارىشى، ئىنسانىي روھى، ئەخلاق ئۆلچىمىنى قېزىپ چىقىپ، سەنئەتنىڭ ئىجادكارلىقى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ قىممىتىنى، جۇڭخۇا ئېستېتىكا روھى بىلەن ھازىرقى زامان ئېستېتىك ئىنتىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش قىزغىنلىقى، مۇزېي قىزغىنلىقى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت قىزغىنلىقى، شېئىر قىزغىنلىقى قاتارلىقلارنىڭ داۋاملىق جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.


  كۇتۇپخانا، مۇزېي قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ كۈنىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تاللىشىغا ئايلاندى. نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى (پونكىتى) ، گۈزەل سەنئەت سارىيى ۋە% 91 مۇزېيدا ھەقسىز ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلدى؛ رەقەملىك كۇتۇپخانا، دۆلەت ئاممىۋى مەدەنىيەت سۇپىسى، «بۇلۇت تېرمىنالى مۇزېيى» قاتارلىق رەقەملەشكەن ھېس قىلىش سۇپىلىرى ئاممىنى ئۆيىدىن چىقمايلا توردا ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى ... ئون يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىشىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.


  ئېگىز بىنالار ئېلىمىز زېمىنىدا قەد كۆتۈرگەندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى بىناسىمۇ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك. داۋاملىق تىرىشىپ، بوشاشماي، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، مول ئەخلاق ئوزۇقى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ