مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىز سۇ تىرانسپورتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ (يېڭى سانلىق مەلۇمات، يېڭى نەزەر)

ئالدىنقى يېرىم يىلدا سۇ تىرانسپورتى قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشتى

2022.09.07 01:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ سۇ تىرانسپورتى ئۇل ئەسلىھەلىرى تېز تورلاشتۇرۇلۇپ، تور تولۇقلىنىپ، زەنجىر كۈچەيتىلىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنما مۇقىم كېڭەيگەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئالتە ئېيىدا، مەملىكەت بويىچە سۇ تىرانسىپورتى قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 73 مىليارد 570 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشقان. 7-ئايدا، سۇ تىرانسىپورتى قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %21.8 ئېشىپ، ياخشى ئېشىش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلىغان. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ سۇ تىرانسىپورتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، سۇ تىرانسپورتى قۇرۇلۇشىدا «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى 102 چوڭ تۈر ۋە سۇ تىرانسپورتى «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى چوڭ-چوڭ تۈرلەر باشلامچى قىلىنىپ، ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلدى. تيەنجىن پورتىنىڭ شىمالىي سۇ يولىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، ماۋمىڭ پورتى ھەممىباب پىرىستانى قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردا ئىش باشلاندى، بېيجىڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھى تيەنجىن نەنگاڭ LNG پىرىستانى قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ-خاڭجوۋ قانىلىنىڭ جېجياڭ بۆلىكىدىكى 3-دەرىجىلىك سۇ يولىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ سۇجوۋ پورتى تەيساڭ پورت رايونىنىڭ 4-قارارلىق قۇرۇلۇشى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى چىچۇن سۇ يولىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار پۈتۈپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى؛ غەربىي قىسىمدىكى ليۇخەي يېڭى يولى پىڭليۇ قانىلى قۇرۇلۇشى، شاڭخەي خەلقئارا سۇ تىرانسپورتى مەركىزى ياڭشەن چوڭقۇر سۇ پورت رايونى شياۋياڭشەننىڭ شىمالىدىكى كونتېينېر پىرىستانى قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم قۇرۇلۇشلارنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلدى.

  ئاقىل پورت قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، چىنجۇ دالەنپىڭ جەنۇبىي 7-نومۇرلۇق، 8-نومۇرلۇق پىرىستانىنى ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ نىڭبو جوۋشەن پورتى مېيشەن پورت رايونىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاپتوماتىك يۈك ساندۇقى پىرىستانى قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پورتلاردا ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان پىرىستانلاردىكى كېمە توختىتىش ئورنى 20 مىڭ 867 گە، 10 مىڭ تونناژلىق ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى كېمە توختىتىش ئورنى 2659 غا يەتكەن؛ ئىچكى دەريا سۇ يولىنىڭ قاتناش مۇساپىسى 128 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك سۇ يولى 16 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشقان. دېڭىز بويىدىكى تىرانسپورت يولى، چاڭجياڭ غول لىنىيەسى، شىجياڭ سۇ تىرانسپورت غول لىنىيەسى، بېيجىڭ-خاڭجوۋ قانىلى، خۇەيخې دەرياسى قاتارلىقلار سۇ تىرانسپورتىنىڭ ئاساسلىق يولى بولۇپ، ئاساسلىق پورتنى تۈگۈن قىلىپ تۆمۈريول، تاشيول، تۇرۇبا يولى قاتارلىقلارنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان، غول ۋە تارماق ئېقىنلار تۇتاشتۇرۇلغان سۇ يولى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ