مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەتتا ئىشىكىمۇ يوق ئانا-بالىلار ئۆيى قانداقمۇ ئادەمنى خاتىرجەم قىلالىسۇن؟

جېجياڭ نىڭخەيدە ئانا-بالىلار ئۆيى قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش بويىچە ئاشكارا ئىسپات ئاڭلاش ئۆتكۈزۈلدى

2022.04.11 14:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بەزى دوختۇرخانىلارنىڭ ئانا-بالىلار ئۆيىنىڭ ئىشىكى يوق، سىرتتا ئەرلەر مېڭىپ يۈرىدۇ، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ئىچىدە بالا ئېمىتكەندە ھەقىقەتەن ئوڭايسىزلىنىدۇ.» يېقىندا، ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ئانا-بالىلار ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش قېلىپلاشماسلىق ئەھۋالىغا قارىتا، جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭخەي ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئاشكارا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ئانا-بالىلار ئۆيى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى ۋە قېلىپلاشتۇردى.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، نىڭخەي ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى «يىشىن ئامما ئۈچۈن تەپتىش قىلىش بۇلۇت سۇپىسى» ئارقىلىق پىدائىيلار تاپشۇرغان يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، دەرھال كادىر-ساقچىلارنى پۈتۈن ناھىيە دائىرىسىدىكى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، ئادەم ئېقىمى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ئانا-بالىلار ئۆيىنى ئېنىقلاشقا تەشكىللىدى. ساقچىلار ناھىيە تەۋەسىدىكى ئادەم ئېقىمى بىر قەدەر كۆپ، ئانا-بالىلار ئۆيىگە بولغان ئېھتىياج بىر قەدەر كۆپ بولغان ۋوگزال، يولۇچى توشۇش باش بېكىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان ئانا-بالىلار ئۆيى قۇرۇلغانلىقىنى، لېكىن يەنىلا قىسمەن چوڭ تىپتىكى سودا سارايلىرى، دوختۇرخانا، ئورگان كۆزنەك ئورۇنلىرىدا مۇلازىمەت ئىقتىدارى مۇۋاپىق، قېلىپلاشقان ئانا-بالىلار ئۆيى قۇرۇلمىغانلىقىنى، ئاساسىي ئەسلىھەلەرنىڭ سەپلىنىشى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇتلىقىنى، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ۋە بوۋاقلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى بايقىدى.

  3-ئاينىڭ باشلىرىدا، نىڭخەي ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئاشكارا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بەش ۋەكىلى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە خەلق نازارەتچىسىنى ئىسپات ئاڭلىغۇچى سۈپىتىدە ئىسپات ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلدى. دوختۇرخانا، سودا سارىيى ۋە ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ۋەكىل ئەۋەتىپ ئىسپات ئاڭلىدى. يىغىندا ئاممىۋى پاراۋانلىق دەۋاسى پىروكۇراتورى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەپسىلىي كۆرسەتتى ھەمدە دېلو پاكىتى، نازارەتچىلىك ئاساسى، تۈزىتىش تەكلىپى قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر بەردى. ئىسپات ئاڭلىغۇچىلار باھالاپ بولغاندىن كېيىن بىردەك مۇنداق قارىدى: تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق دەۋاسى قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ئانا-بالىلار ئۆيىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاياللار-بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئىسپات ئاڭلىغان ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى، كارخانا مەسئۇللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئانا-بالىلار ئۆيى قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگەرتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەڭ ئانىلارنى مەخپىي، قولايلىق بولغان ئېمىتىش، بېقىش بوشلۇقى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۈندىلىك باشقۇرۇش، ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ئانا-بالىلار ئۆيىنىڭ ئازادە، رەتلىك ۋە بىخەتەر ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.

  يىغىندىن كېيىن، نىڭخەي ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارغا تەپتىش تەكلىپى بەردى ھەم تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى داۋاملىق ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تەپتىش تەكلىپىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ