مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ ئەرمېنىيە زۇڭتۇڭى خاچاتۇرىيان بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.04.08 09:37 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئەرمېنىيە زۇڭتۇڭى خاچاتۇرىيان بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەرمېنىيە ئەنئەنىۋى دوستانە ھەمكارلىق ھەمراھلىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - ئەرمېنىيە مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى چوڭقۇرلىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - ئەرمېنىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ خاچاتۇرىيان بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - ئەرمېنىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  خاچاتۇرىيان مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئەرمېنىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئەرمېنىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات ئىلگىرىلەشلىرىگە ۋە جارى قىلدۇرغان خەلقئارالىق رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئەرمېنىيە - جۇڭگو دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ