مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرت بىلەن تېلېفونلاشتى

2022.04.11 13:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرت بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى 2016 - يىلى 10 - ئايدا تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان چاغدىكى كۆرۈنۈش ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە، ئۇ بىر قېتىملىق مۇز يېرىش سەپىرى بولۇپ، جۇڭگو - فىلىپپىن مۇناسىۋىتى تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالتە يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ بىز ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش بويىچە، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنىڭ كاشىلىلاردىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش يېڭى ۋەزىيىتىنى نامايان قىلدى. ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورنىنى بېكىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى «چوڭ قۇرۇش، ئالاھىدە قۇرۇش» يىرىك پىلانى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم، زور تۈرلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتتى، ئىككى تەرەپ سودا سوممىسى بىر قاتلاندى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدىدى، رايون كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىدى. ئىككى تەرەپ نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو - فىلىپپىن دوستانە ھەمكارلىقىنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت ياراتتى، شۇنداقلا رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ فىلىپپىنغا قاراتقان سىياسەتتە ئىزچىللىقنى، مۇقىملىقنى ساقلايدۇ، فىلىپپىن تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق فىلىپپىن تەرەپنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلەشنى، ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش، ئاممىۋى سەھىيە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى؛ چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى، سودا سېلىنمىسى، مائارىپ، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى؛ فىلىپپىننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىلىپپىنغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىپ، فىلىپپىننىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، رايون خەۋپسىزلىكىنى ھەربىي ئىتتىپاقداشلىقنى كۈچەيتىشكە تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىلىپپىن تەرەپ ۋە رايون دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، رايون خەۋپسىزلىكىنىڭ يېتەكچى ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇپ، بۇ رايوننىڭ تەستە قولغا كەلگەن تىنچ، مۇقىم ۋەزىيىتىنى ئورتاق قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  دۇتېرت مۇنداق بىلدۈردى: مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئورناتقان دوستلۇقنى ۋە ياخشى مۇناسىۋەتنى يۈكسەك قەدىرلەيمەن. ئۆتكەن ئالتە يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى تېخىمۇ دوستانە بولۇپ، مۇناسىۋىتى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ھەمكارلىقى تېخىمۇ مول نەتىجىلىك بولدى، فىلىپپىن خەلقى فىلىپپىن - جۇڭگو ھەمكارلىقى ئېلىپ كەلگەن پايدىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ فىلىپپىن تەرەپنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا ۋاكسىنا مەدىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە ھەم فىلىپپىندىكى بوران ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان خەلق ئاممىسىغا ۋاقتىدا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو فىلىپپىن خەلقىنىڭ ھەقىقىي، ئىشەنچلىك دوستى. فىلىپپىن تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان دوستلۇقنى ۋە ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىساد - سودا، ئۇل ئەسلىھە، ساياھەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىلىپپىنغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، بۇ، فىلىپپىننىڭ ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. فىلىپپىن تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، تالاش - تارتىشنى تىنچ ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ. فىلىپپىن تەرەپ يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ