مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن بىرلىكتە 23-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

سۆھبەتلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىنچ–ئامانلىقنى قوغداش، دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك

2022.04.06 09:42 مەنبە: خەلق تورى

  4-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن بىرلىكتە 23-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇچرىشىش سىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 4–ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن بىرلىكتە 23-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇچرىشىش كۆرۈنمە چاستوتا شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئايرىم-ئايرىم ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسى. مۇقىم بولغان جۇڭگو -ياۋروپا مۇناسىۋىتى دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگو جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ، بۇ قېتىمقى جۇڭگو-ياۋروپا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا ئەھمىيەت بەردى، رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى رەئىس بىلەن كۆرۈشىدۇ. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زىددىيەت، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ۋە تۆھپىسىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ئارقىلىق جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىدىغانلىقى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ پائال ئىلگىرى سۈرۈلىدىغانلىقىدەك سىگنال بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھلار، ھەممىسى ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم كۈچ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە سۆزلىشىش، ھەمكارلىشىش يەنىلا جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ يېتەكچى تەرىپى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش يەنىلا جۇڭگو- ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىي رېتىمى. جۇڭگو تەرەپ ئىككى تەرەپنىڭ ھازىرقى سۆزلىشىش مېخانىزمىغا تايىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە سىياسەت جەھەتتە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىشنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى يارىتىشنى؛ ئېنېرگىيە، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئەسلىگە كېلىشىگە كۈچ قوشۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى، جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرۋازىسىنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىدۇ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، بازار ئىجازىتىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئادىل رىقابەتنى قوغداپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنداقلا ياۋروپانىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ياۋروپاغا مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ياخشى سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  مىچېل بىلەن ۋوندېرلېيىن مۇنداق بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو كۆپ تەرەپلىك سىستېمىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى، جۇڭگو مۇھىم مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار تەرەپ، ئىككى تەرەپ سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. ياۋروپا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، جۇغراپىيەلىك بەلگىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردە زىچ ھەمكارلىشىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش، تور بىخەتەرلىكى، ئىنسانپەرۋەرلىك، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ياۋروپا تەرەپ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزۈشكەن تەرەپلەر 15-قېتىملىق يىغىنى 2-باسقۇچلۇق يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتتىكى ئوكرائىنا ۋەزىيىتىگە بولغان كۆز قارىشى ۋە مەيدانىنى تونۇشتۇردى. لى كېچياڭ جۇڭگونىڭ پىرىنسىپال مەيدانىنى شەرھلەپ، مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو باشتىن- ئاخىر مۇستەقىل-ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە ھەممە ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغداشنى، جۈملىدىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىپ، چوڭ-كىچىك دۆلەتلەر بىردەك باراۋەر بولۇپ، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق زىددىيەت ۋە توقۇنۇشنى ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ياراشتۇرۇش ئارقىلىق سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى، ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەزىيەتنى تېزدىن پەسەيتىپ، ئۇرۇشنى توختىتىپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تىنچلىقنى بالدۇرراق قايتۇرۇپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە باشقا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  شياۋ جيې، خې لىفېڭ قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ