مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ساھەلەرگە قارىتا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى باسقۇچلۇق كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئارقىلىق ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قارار قىلىندى؛ مۇۋاپىق پەيتتە پۇل سىياسىتى قورالىدىن پايدىلىنىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوللاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2022.04.07 18:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 4-ئاينىڭ 6-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ساھەلەرگە قارىتا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى باسقۇچلۇق كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئارقىلىق ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قارار قىلىندى؛ پۇل سىياسىتى قورالىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوللاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇۋاپىق دائىرىدە بولدى، لېكىن ئىچكى-تاشقى مۇھىتنىڭ مۇرەككەپلىكى، ئېنىقسىزلىقى كۈچىيىپ، بەزىلىرى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتتى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ئاستىلىدى، يەر شارى بويىچە ئاشلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار بازىرىدا زور داۋالغۇش بولدى، دۆلەت ئىچىدە يۇقۇم ئەھۋالى يېقىندا كۆپ يۈز بەردى، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى راۋان بولۇش بەزى چەكلىمىگە ئۇچرىدى، يېڭى تۆۋەنلەش بېسىمى يەنىمۇ ئاشتى. ھەم ئىشەنچنى چىڭىتىش، ھەم يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش ۋە ھوشيار بولۇش كېرەك.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، بەزىلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن يولغا قويۇشقا بولىدۇ. ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ چوڭ تەخسىسىنى ھەقىقىي مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ساقلاشتا، ئاساسلىقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مال باھاسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا ۋە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تارماقلار ئومۇملۇقنى كۆزلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، بېكىتىلگەن سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا سىياسەت لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ، بازار مۆلچەرىنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلارمۇ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆي ئىجارىسىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە بىر بازار سۇبيېكتى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، بەزىلىرى ھەتتا ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتتى، چوقۇم گەۋدىلىك قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىش لازىم. بىرىنچى، يېمەك-ئىچمەك، پارچە سېتىش، ساياھەت، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، تاشيول، سۇ يولى تىرانسپورتى قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كەسىپلەرگە قارىتا، بۇ يىل 2-پەسىلدە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرۇشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ ھەمدە ئىشسىزلىق ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى باسقۇچلۇق كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىنىڭ دائىرىسى يېمەك-ئىچمەك، پارچە سېتىش، ساياھەتچىلىكتىن يۇقىرىقى بەش ساھەگە كېڭەيتىلىپ، بۇ ساھەلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ مەبلەغ بېسىمى ئازايتىلىدۇ؛ ئىككىنچى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى كاپالىتىنىڭ باسقۇچلۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشسىزلارغا ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى تارقىتىلىدۇ، سۇغۇرتىلانغان ئىشسىز دېھقان ئىشلەمچىلەرگە ۋاقىتلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىلىدۇ؛ ئۈچىنچى، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بويىچە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قايتۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان رايونلار %60 تىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %90 كە ئۆستۈرسە بولىدۇ؛ يەرلىكنىڭ يەنە %4 ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى قالدۇقىنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشكە ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ ھەمدە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ۋاقتىنچە نورمال تىجارەت قىلالمايدىغان ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بىر قېتىم ئىش ئورنىدا قالدۇرۇپ تەربىيەلەش ياردەم پۇلى تارقىتىلىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تەكرار قەرز قاتارلىق كۆپ خىل پۇل سىياسىتى قورالىدىن مۇۋاپىق پەيتتە جانلىق پايدىلىنىپ، ئومۇمىي مىقدار ۋە قۇرۇلمىدىن ئىبارەت قوش ئىقتىدارنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاشنى كۈچەيتىش كېرەك. بىرىنچى، مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوبوروتنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ياردەم بېرىش تەكرار قەرزىنى كۆپەيتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كىچىك، مىكرو قەرز پۇل ئارقىلىق قوللاش قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش چارىسى ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇۋاپىق پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى ئاشۇرۇش، دائىرىسىنى كېڭەيتىش، باھاسىنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئىككىنچى، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ئىستېمال ۋە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى قوللاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى شەھەر ئاھالىلىرىگە قارىتىلغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇلىنىڭ تېزرەك ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئۈچىنچى، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلاردىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللاپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كۈتۈنۈشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك مەخسۇس تەكرار قەرزنى تەسىس قىلىپ، خەلق بانكىسى قەرز پۇلنىڭ دىرىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %60، %100 تەكرار قەرز بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس قەرزى ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ كاپىتالىنى تولۇقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، بانكىنىڭ كىرېدىت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ