مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانىغا ئىمزا قويدى

«گوۋۇيۈەننىڭ قىسمەن مەمۇرىي نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» ئېلان قىلىندى

2022.04.08 17:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، «گوۋۇيۈەننىڭ قىسمەن مەمۇرىي نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئېلان قىلدى، 2022-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «گۇۋاھنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، بازار سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، دۆلەت قانۇن-تۈزۈمىنىڭ بىرلىكى، ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى قوغداش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن «گۇۋاھنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىغا چېتىلىدىغان مەمۇرىي قانۇن-نىزاملارنى ئېلان قىلدى ھەمدە ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىكى بەلگىلىمە ۋە پىرىنسىپلار بىلەن بىردەك بولمىغان مەمۇرىي نىزاملارنى ئېنىقلاشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى»نىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن بولغان جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇنىڭغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن 14 مەمۇرىي نىزامنىڭ قىسمەن ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى، ئالتە مەمۇرىي نىزامنى بىكار قىلىشنى قارار قىلدى.

  تەستىقلاشنى بىۋاسىتە ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا. «چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ تېلېگراف كارخانىلىرىغا مەبلەغ سېلىشىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» قاتارلىق ئۈچ مەمۇرىي نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ تېلېگراف كەسپىگە مەبلەغ سېلىشىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش پىكىرنامىسىنى تارقىتىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى؛ قىسمەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىشنى تەستىقلاش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى؛ ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈش-باھالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئىجازىتى بىكار قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە قانۇن جاۋابكارلىقى ماددىلىرى تۈزىتىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئەنگە ئالدۇرۇشقا ئۆزگەرتىش جەھەتتە. «داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» قاتارلىق يەتتە مەمۇرىي نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئامبۇلاتورىيەدە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى تەستىقلاشنى ئەنگە ئېلىشقا ئۆزگەرتىلدى؛ ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنى تەربىيەلەش ئىجازەتنامىسىنى تارقىتىش ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىلدى؛ خەلقئارا يول يۈك تىرانسپورتى، يول يۈك تىرانسپورت بېكىتى (مەيدانى) ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش ئىجازىتى بىكار قىلىنىپ، ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىلدى؛ يېڭى دېھقانچىلىق دورىلىرىنى تىزىملاپ سىناق قىلىشنى تەستىقلاش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىلدى؛ تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كارخانىلىرىنى رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاشنى تەستىقلاش ئەنگە ئېلىشقا ئۆزگەرتىلدى، قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار بايانلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، مۇناسىپ ھالدا ئەنگە ئالدۇرۇش تەرتىپى ۋە قانۇن جاۋابكارلىقى بەلگىلەندى ھەمدە ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرى قوشۇلدى.

  خەۋەرلەندۈرۈپ ماقۇللىقىنى ئېلىشنى يولغا قويۇش توغرىسىدا. «ئالاقە تورىدا تورغا چىقىش مۇلازىمىتىدە تىجارەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» قاتارلىق ئۈچ مەمۇرىي نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئالاقە تورىدا تورغا چىقىش مۇلازىمىتىدە، تىجارەت سورۇنلىرىنىڭ ئۇچۇر تور بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشتە خەۋەرلەندۈرۈپ ماقۇللىقىنى ئېلىش يولغا قويۇلدى؛ مېھمانخانا كەسپى ئىجازىتىنى تارقىتىشقا قارىتا خەۋەرلەندۈرۈپ ماقۇللىقىنى ئېلىش يولغا قويۇلدى؛ تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئاپپاراتلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىشتە خەۋەرلەندۈرۈپ ماقۇللىقىنى ئېلىش يولغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەۋەرلەندۈرۈپ ماقۇللىقىنى ئېلىشقا ئالاقىدار تەرتىپلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەمدە ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرى قوشۇلدى.

  تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول تىرانسپورت نىزامى» قاتارلىق ئۈچ مەمۇرىي نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، مۇناسىپ ئىجازەت دەرىجىسى تەڭشەلدى، ئالاقىدار تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى.

  «گوۋۇيۈەننىڭ ھەممىباب ئاۋىياتسىيەنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» قاتارلىق ئالتە مەمۇرىي نىزام بىكار قىلىندى. بۇ ئالتە مەمۇرىي نىزامنىڭ بەزىلىرىنىڭ تۈزۈلگەن ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان؛ بەزىلىرىدە ئۈستىدىكى قانۇن بىكار قىلىنغان ياكى ئۈستىدىكى قانۇن ئاساسى بىكار قىلىنغان؛ بەزىلىرىنىڭ ئورنىنى باشقا قانۇن-نىزاملار ئالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ