مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئورتاق ئارزۇ ئورتاق كەلگۈسى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا

2022.04.11 13:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  باش باھار مەزگىلىدە، بېيجىڭ دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانى «نياۋچاۋ»نىڭ شىمال تەرىپىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئولىمپىك مۇنارى ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا يۈگۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرۇۋاتقان كىشىلەر توپىنى كۈتۈۋالدى، بۇ يەردە باھار كۈنلىرىدىكى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسى تارىخ بېتىگە پۈتۈلدى، «قوش ئولىمپىك شەھىرى» دېگەن شان ـ شەرەپ بۇ شەھەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەنىدى.

  «بۇ، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ بىر ئىخچام كارتىنىسى.» 100 يىللىق ۋاقىت ئۆلچىمىدە، بىر مىللەتنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىغا ھامان بەزى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان دەقىقىلەر بەلگە سالغان بولىدۇ. 2015 ـ يىلى بېيجىڭ جاڭجياكوۋ بىلەن قول تۇتۇشۇپ 2022 ـ يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ: ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى «ئىشەنچلىك كىشىلەرگە تاپشۇرۇپ بەردۇق» دېگەنىدى. «تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش − تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش»تىن ئىبارەت ئولىمپىك يېڭى ھېكمەتلىك سۆزى بىلەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باش تېمىلىق شوئارى «بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنىش» ئۆزئارا ماسلىشىپ، تىنچلىق، دوستلۇق، ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى، جۇڭگو دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى تەقدىم قىلدى. باخ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا: «بۇ، بىر نۆۋەتلىك ھەقىقىي تەڭداشسىز قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولدى» دەپ چىن قەلبىدىن تەرىپلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇنياغا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، باي ـ قۇدرەتلىك، ئېچىۋېتىلگەن، ئۈمىدكە تولغان دۆلەت ئوبرازىنى نامايان قىلدى. 3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئالقىشلاپ: «ناھايىتى كۈچ بەردى، نۇرغۇن تەرەپلەرنى تارىخ بېتىگە پۈتۈش كېرەك» دېدى.

  بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىكى «بىر قار ئۇچقۇنى» «ئوتى سۇس مەشئەل»دىن يېپىلىش مۇراسىمىدىكى «مەجنۇنتال چىۋىقى سوۋغا قىلىپ ئۇزىتىش» «گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇش»قىچە، دۇنيا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ۋە تەمكىنلىكىنى كۆردى؛ جۇڭگو ماھىرلىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ۋەتەن ۋە خەلققە پەخىرلىنەرلىك شان ـ شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلدى؛ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلگەن يەر شارىۋى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تەنھەرىكەت كاتتا مەرىكىسى بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت «جۇڭگو خەلقى قالتىس بولغان بىخەتەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەھنىسى ھازىرلاپ بەردى» دەپ تەرىپلىدى...

  تەنتەربىيە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، گۈللىنىشىنىڭ بىر بەلگىسى، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ بىر سىمۋولى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كېمىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر 190 نەچچە كىچىك كېمىگە ئولتۇرغاندىن كۆرە، بىر چوڭ كېمىگە ئولتۇرۇپ ئورتاق ھالدا تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە بولغىنى ياخشى» دېدى؛ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بۇ بىر تاختا شاھماتنى پىلانلىغاندا، باش شۇجى يىراقنى كۆردى: «جۇڭگو قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 300 مىليون كىشىنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون تەرەققىياتى، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، يېشىل يېڭىلىق يارىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، يەر شارىۋى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ئاچتى».

  بىر ئولىمپىك مۇكاپات لوڭقىسى بارلىق جۇڭگو خەلقىگە مەنسۇپ

  «بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى».

  3 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ باخقا جاۋاب خەت قايتۇرغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقى بىزنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈشىمىزدىكى كۈچ مەنبەيىمىز. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق، جۇڭگودا 300 مىليوندىن ئارتۇق كىشى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، شۇنداقلا يەر شارىۋى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ مەنزىل ئاچتى.

  خەلق ئاممىسىدىن كۈچ ـ قۇۋۋەت قوبۇل قىلىپ، تەييارلىق كۆرۈش نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا كەڭ نەپ يەتكۈزۈلدى. خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش، تەييارلىق كۆرۈشتىن ئۆتكۈزۈشكىچە بولغان پۈتۈن جەرياندا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى.

  تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتىنىڭ ئاساسى ئاممىۋى تەنتەربىيەدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ماھارەت سەۋىيەسىگە يېتىشىۋېلىپلا قالماي، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش، كېڭەيتىشكىمۇ يېتىشىۋالدۇق، تەنتەربىيە ھەرىكىتى سۈپەت ۋە سان جەھەتتە بىردەك يۈكسەلدى».

  بۇ يىل 1 ـ ئاي، يېڭى يىل كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنىدە، بېيجىڭ لۇگوۋچياۋ كۆۋرۈكى ئەتراپىدىكى 7 ـ فېۋرال زاۋۇتى قار ـ مۇز تۈرى مەشىق بازىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ «300 مىليون كىشىنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى»نى تەپسىلىي كۆردى. ئىلگىرى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى شەنخەيگۇەندىن ئۆتۈپ ئىچكىرى رايونلارغا كېڭەيمىگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى «جەنۇبقا ئۇزارتىلدى، غەربكە كېڭەيتىلدى، شەرقتىن كىرگۈزۈلدى»، شەرقىي شىمالدىن پۈتۈن مەملىكەتكە، قىش پەسلىدىن تۆت پەسىلگە يۈزلەندى. «300 مىليون كىشىنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش» نىشانىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام بەدەن يېتىلدۈرۈشىگە پۇختا ئاساس سالدى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىگە كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ قوشتى...

  قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ مەشئىلى جۇڭگو زېمىنىدا تۇتاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتىدىن ساغلام جۇڭگوغىچە، خەلقنىڭ ساغلاملىقى، خەلقنىڭ تەن ساپاسى، خەلقنىڭ بەختىنىڭ ھەممىسى تومۇرداش. بۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك زامانىۋىلاشتۇرۇش تېمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زورلۇقىنى كىچىك ئىشلاردىنلا كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ».

  «بۇ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ قىشلىق تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ قىياپىتىنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتىدۇ.» باخ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەگەر جۇڭگو خەلقىنىڭ قوللىشى بولمىسا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بۇنداق قالتىس مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەن بولاتتى.» 2 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، ئۇ ئولىمپىك مۇكاپات لوڭقىسىنى بارلىق جۇڭگو خەلقىگە بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، خېبېينىڭ فۇپىڭ ناھىيەسىدىن كەلگەن «مالەنخۇا بالىلار خور ئۆمىكى» گىرېك تىلىدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ناخشىسىنى ئېيتتى، ئېگىز تاغلار ئارىسىدىن كەلگەن بالىلارنىڭ سەبىي ئاۋازى كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.

  بېيجىڭنىڭ جاڭجياكوۋ بىلەن قول تۇتۇشۇپ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى نۇقتىسىدىن ئويلاشقان، «بېيجىڭ ـ تيەنجىن ـ خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قار ـ مۇز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك.» «تىرىشىپ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۆز جايىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى پارچە ئەلا جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرۇش كېرەك».

  سەددىچىننىڭ شىمالىدىكى كىچىك شەھەر چۇڭلىدا ئىلگىرى قىش كېلىشى بىلەنلا دائىم قېلىن قار يېغىپ تاغ يولى توسۇلۇپ قالاتتى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان قار تېيىلىش مەنزىرە رايونى بولۇپ، چەت ئەل تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن 2019 ـ يىللىق يەر شارىۋى ساياھەت مەنزىلگاھى، دەپ كۆرسىتىلدى. «قىشلىق ئولىمپىك» شامىلىدىن پايدىلىنىپ، شۇ جايدىكى ھەر بەش كىشىدىن بىرى «قار ـ مۇز تاۋىقى»نى كۆتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە قاراپ ئاتلاندى. چۇڭلىنىڭ ھېكايىسى دەل «قار ـ مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق»نىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.

  بېيجىڭ ـ جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى بېيجىڭ ـ جاڭجياكوۋ «بىر سائەتلىك ئىقتىساد چەمبىرىكى»نى تۇتاشتۇردى، «جاڭبېينىڭ شامىلى بېيجىڭنىڭ چىراغلىرىنى ياندۇردى»، يەنە يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز «بېيجىڭ ـ جاڭجياكوۋ تەنتەربىيە ـ مەدەنىيەت ساياھەت بەلبېغى» بار... ھالقىلىق بىر ئۇرۇق ياخشى قويۇلۇپ، شاھماتتا ئۇتۇپ چىقىلدى. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنىڭ قالتىسلىقى مۇسابىقە مەيدانىدىلا ئىپادىلىنىپ قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىدىن ئىبارەت چوڭ ئىشنى نامايان قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى ئوبرازلىق قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خۇددى بىر پۇرژىنىلىق ئاتقۇچقا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار ـ مۇز كەسپىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولالايدۇ».

  «سوغۇق بايلىق» «ئىسسىق ئىقتىساد»قا تۈرتكە بولدى. بېيجىڭ شوۋگاڭ باغچىسى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش، تەنتەربىيە مۇسابىقە ئىشلىرى، سودا مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شەھەر يېڭى يەر بەلگىسىنى بەرپا قىلىدۇ؛ بېيجىڭ يەنچىڭ رايونى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، دۇنيا باغچىسى، سەددىچىن سېپىلىنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قار ـ مۇز پەن ـ تېخنىكىسى، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ خېبېي جاڭجياكوۋ شەھىرى قار ـ مۇز جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسىپ بازىسى بەرپا قىلىپ، قار ـ مۇز كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتتى... قار ـ مۇز بازىرىنىڭ مەنزىلى كەڭ، ئىستىقبالى پارلاق.

  2 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مۇسابىقە كۈنى. قىسقا يولدا تېز تېيىلىش بويىچە كۈچ ئۇلاپ تېيىلىش كوماندىسى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى، پايتەخت تەنتەربىيە سارىيىدا جۇڭگو قىزىل رېڭى كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىغا ئوت ياقتى.

  بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەنھەرىكەتچىلەرگە قىلغان سەمىمىي ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭراپ تۇرىدۇ: «كىشىلىك ھاياتتا ئېلىشىش پۇرسىتى ساناقلىقلا! بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. بىر ئىشقا ئۇزاق يىل ئەجىر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىنتايىن جاپالىق بولسىمۇ، ئەمما قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشقا ئەرزىيدۇ. سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇقنى باشتىن كەچۈرمىگەندە، مېيخۇا گۈلىنىڭ خۇش پۇرىقىدىن قانداقمۇ ھۇزۇر ئالغىلى بولسۇن؟»

  سەككىز يىل ئىلگىرى رۇسىيە سوچىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەزىمەتلىرى بىلەن «ئالتۇن مېدال قارىشى» توغرىسىدا پاراڭلاشقانىدى: «نەتىجە مېدال ئېلىش ـ ئالالماسلىق ياكى قانچە مېدال ئېلىشقا باغلىق بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئولىمپىك روھىنى نامايان قىلىپ، توختىماي ئالغا بېسىپ، ئۆزى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، ئۆزىدىن ھالقىشقا باغلىق».

  «تەنتەربىيە روھى جۇڭگو روھىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى. بۇ خىل قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش روھى دەل بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزنىڭ بىر خىل ئىپادىسى» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

  «ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ نىشانى ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.» باش شۇجى شى جىنپىڭ تېخىمۇ يۇقىرى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۆزەتتى، نەزەر دائىرىسى ھەم كەڭ، ھەم يۈكسەك.

  بىر پارچە قار ـ مۇز مەنزىرىسى يۆگىمە رەسىمى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش چوڭ ئەندىزىسىنى نامايان قىلدى

  2015 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ 20 كۈندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يېشىل ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، ھەمبەھرە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، ئوچۇق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، پاك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل قار ـ مۇز مەنزىرىسى يۆگىمە رەسىمى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندى.

  بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «قوش ئولىمپىك شەھىرى، بۇ، پەقەت بىرلا. شوۋگاڭ پەشتاقتىن سەكرەش چوڭ پەشتىقىدا يېشىل تىپ ئۆزگەرتىلدى، پولات ـ تۆمۈر كەسپىنىڭ تىپى ئۆزگەرتىلىپ تەنتەربىيە كەسپىگە ئايلاندى».

  شوۋگاڭ پەشتاقتىن سەكرەش چوڭ پەشتىقىدىكى «شۆفېيتيەن»دە، تەنھەرىكەتچىلەر بوشلۇقتا سەكرەپ موللاق ئېتىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ زەپەردەس قىياپىتى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ گېربى بېسىلغان غايەت زور سوۋۇتۇش مۇنارى بىلەن بىرلىشىپ رەڭدار نۇر چاقناتتى، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى بىلەن سانائەت ئۇسلۇبى مۇكەممەل يۇغۇرۇلغان كۆرۈنۈش پۈتۈن يەر شارىدىكى كۆرۈرمەنلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  بۈگۈنكى كۈندە گۈللەپ ياشنىغان شوۋگاڭ باغچە رايونىنىڭ ئىلگىرى تاشلىنىپ قالغان سانائەت باغچە رايونى ئىكەنلىكىنى كىممۇ ئويلىغان. قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى نۇرغۇن غايەت زور پولات ـ تۆمۈر ئەسلىھەلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قايتا ئۇرغۇتتى، «يېشىل ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش»نىڭ جانلىق ئۆرنىكى دۇنيانى ھەيران قالدۇردى.

  باخ كۆپ قېتىم شوۋگاڭ پەشتاقتىن سەكرەش چوڭ پەشتىقىغا كەلدى، «مەن بۇ ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە گۇۋاھ بولدۇم. ئۇ مۇسابىقە مەيدان ـ سارايلىرى بىلەن سانائەت مىراسلىرىدىن قايتا پايدىلىنىش، شەھەرنى يېڭىلاشنىڭ مۇكەممەل بىرلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى».

  شوۋگاڭ باغچە رايونىنىڭ ئۆزگىرىشى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ «بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، نەپ يارىتالايدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان» ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش يېڭى ئەندىزىسىگە ماسلاشتى. دۇنيادىكى تۇنجى مەڭگۈ ساقلىنىدىغان ۋە ئىشلىتىلىدىغان قار تېيىلىپ پەشتاقتىن سەكرەش چوڭ پەشتىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەلگۈسىدە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغاندىن باشقا، بۇ يەر يەنە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان تەنتەربىيە باش تېما باغچىسىغا ئايلىنىپ، مۇسابىقە مۇۋەپپەقىيىتىنى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە سىڭدۈرىدۇ.

  مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «تۇنجى»دىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يەنە نۇرغۇنى بار − بارلىق مەيدان ـ سارايلارنى %100 يېشىل توك بىلەن تەمىنلەش تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، «كاربون نېيتراللاشتۇرۇلغان» تۇنجى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ قالدى؛ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىغا بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تۇنجى قېتىم ياسىلىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنىڭ تېز تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى؛ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى تۇنجى «چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل باشقۇرۇش سىستېمىسى، مۇھىت باشقۇرۇش سىستېمىسى، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتى قوللانمىسى»دىن ئىبارەت ئۈچ خەلقئارالىق ئۆلچەم بىرىكتۈرۈلۈپ بىر گەۋدىگە ئايلانغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل باشقۇرۇش سىستېمىسى... «مۇھىتنىڭ ئىجابىي تەسىرى، رايونلارنىڭ يېڭى تەرەققىياتى، تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشى»دىن ئىبارەت بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ياراتقان بۇ يېڭى ئۈلگە دەل يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىنى ئاچقانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

  چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا ـ قايتا مۇنداق تاپىلىدى: «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش بىر قېتىملىقلا سودا ئەمەس، ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن مەيدان ـ سارايلار <تىمتاسلىققا چۆمگەن تاغ ئورمانلىقى>غا ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ.» چوڭ مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈشنى شەھەر تەرەققىياتىغا سىڭدۈرۈپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش چوڭ ئەندىزىسىگە سىڭدۈرۈپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېتەكلەش رولى ۋە تەسىر كۆرسىتىش رولىنى كۈنسېرى نامايان قىلىش كېرەك.

  قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش جەريانىدا، كۆچۈرگىلى بولمايدىغان بىر تۈپ قەدىمىي دەرەخنى قوغداش ئۈچۈن، بىر قار يولى قۇرۇلۇش پىلانى ئۆزگەرتىلدى. قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يول ياسىغاندا پەقەت يولنىلا ئويلايتتۇق. ھازىر يول ياسىغاندا، تاغلارنى، دەل ـ دەرەخلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى، ھايۋاناتلارنى يەنە ئىنسانلار ئورتاق ياشايدىغان يەر شارىۋى ماكاننى ئويلايدىغان بولدۇق. بۇنداق ئۆزگىرىش دەل ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ بىر جانلىق ئىزاھاتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز بىر نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئۆزگىچە ئۆتكۈزۈشىمىز، قالتىس ئۆتكۈزۈشىمىز، تەڭداشسىز ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك.

  دۆلەت پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىش مەركىزى «شۆرۇيى»دا، تەنھەرىكەتچىلەر سەكرەپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەندە، ئېگىز ۋە تىك چوققىلار ئىچىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان سەددىچىن سېپىلى، قەدىمكى مەدەنىيلىك بىلەن ھازىرقى زامان تەنھەرىكىتى گىرەلەشكەن ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل مەنزىرە ئارقا كۆرۈنۈش بولدى. جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ماھىرلار ئۆزگىچە مۇسابىقە تەسىراتىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  «شۆرۇيى» مۇسابىقە مەزگىلىدىكى يارقىن مەنزىرىگە ئايلىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، بەلكى ئۇنىڭ مۇسابىقىدىن كېيىنكى يۈرۈشتۈرۈش ۋە تىجارىتىگە قارىتا ئەتراپلىق ئويلىشىلغانىدى. مەيدان ـ سارايلارنىڭ ئۈستى قىسمىدىكى كۆپ ئىقتىدارلىق بوشلۇق ۋە ئاستى تەرەپتىكى پۇتبول مەيدانى چوڭلۇقىدىكى رايونلار ئۇنىۋېرسال لايىھەلەنگەن بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغاندىن باشقا، يەنە مەدەنىيەت، ساياھەت، ئىستىراھەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ. تۆت پەسىلدە يۈرۈشتۈرۈش ۋە تىجارەت قىلىش «شۆرۇيى»نى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدان ـ سارايلىرىدىن قايتا ـ قايتا پايدىلىنىش، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، ئۇزاققىچە پايدىلىنىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇردى.

  2019 ـ يىلى 2 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە، مەيدان ـ ساراي قۇرۇلۇشىدا «پەن ـ تېخنىكىلىق، ئاقىل، يېشىل، تېجەشلىك بولۇش»تەك خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  دۇنيا بويىچە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىدىن پايدىلىنىپ ئاخىرقى چەكتىن ھالقىپ بىۋاسىتە سوۋۇتۇش سىستېمىسى ئارقىلىق مۇز ياسالغان تۇنجى تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش سارىيى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش سارىيى بولغان «بىڭسىدەي»نىڭ رەڭگارەڭ نۇرلار چاقناپ تۇرغان سىرتقى كۆرۈنۈشىدە، بىر «پەن ـ تېخنىكىلىق قەلب» بار.

  «بىڭسىدەي»نىڭ مۇز يۈزى ئاستىدىكىسى ئۇزۇنلۇقى 120 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان داتلاشماس پولات تۇرۇبا سىستېمىسىدىن ئىبارەت، پولات تۇرۇبا ئىچىدە ئېقىۋاتقىنى سۇيۇق ھالەتتىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى بولۇپ، مۇز يۈزى تېمپېراتۇرا پەرقىنىڭ 0.5 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، شۇڭا ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ تەكشى، ئەڭ تېز سۈرئەتلىك مۇز ھاسىل بولغان.

  بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، «بىڭسىدەي»دە ئون تۈرلۈك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى رېكورتى ۋە بىر تۈرلۈك دۇنيا رېكورتى يارىتىلدى. مۇسابىقىگە قاتناشقان چەت ئەللىك ماھىرلار ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا مۇنداق بىلدۈردى: «بۇنىڭدىنمۇ ياخشى مۇسابىقە مەيدانى يوق! ھەر قېتىم تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان بۇ ئىمارەتكە قەدەم قويغاندا، ھاياجانلىق ئىلكىدە نېمە دېيىشىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق.» جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو تېخنىكىسى، جۇڭگو ماتېرىيالى ۋە جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ يۇغۇرۇلۇپ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن جۇڭگو لايىھەسى خەلقئارا جەمئىيەتكە «جۇڭگونىڭ يېشىل بولۇش ئارقىلىق كەلگۈسىنى تەسۋىرلەشتىكى يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە ھەرىكەت كۈچىنى كۆرسەتتى».

  «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېشىل ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇھىم، زور نامايەندىسى، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، مۇھىتنى قوغداشنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدىكى تەرەققىياتى بۇ يەردە ئىشقا ئاشۇرۇلۇپتۇ»، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بەردى. ئولىمپىك ئۈنۈمى مۇسابىقە ئۆتكۈزگەن شەھەرگە 20 يىل ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت تۆھپە قوشۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن جاينىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، «بېيجىڭ شۇنداق قىلالىدى».

  باخ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى «ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى تىكلىدى» دەپ تەرىپلىدى.

  بىر دەۋر مېلودىيەسى ئىتتىپاقلىق، تىنچلىق، تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭراتتى

  بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش، يېپىلىش مۇراسىمىدىكى ئاددىي گۈزەللىك، جۇشقۇن كەيپىيات پۈتۈن دۇنيادا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ماھىرلىرى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش دېگەن مەنىگە ئىگە «جۇڭگو دەرۋازىسى»دىن ئۆتۈپ، «نياۋچاۋ»نىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى «قار ـ مۇزدىن ياسالغان بەش ھالقا»غا يىراقتىن نەزەر سالغان ئاشۇ دەقىقىدە، جۇڭگو گۈزەللىكى بىلەن بەش ھالقا گۈزەللىكى بىر ـ بىرىگە قۇچاق ئاچتى، ئولىمپىك روھى دۇنيانى ئىتتىپاقلاشتۇردى. دۇنيا ئىجادىي تەپەككۇرى چەكسىز، كۆرۈپ تويمايدىغان باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆردى، شۇنداقلا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئېچىۋېتىلگەن، تەمكىن جۇڭگونى كۆردى.

  دۇنيا تەنتەربىيە سەۋەبىدىن ئۇيۇشتى. 91 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 3000غا يېقىن تەنھەرىكەتچى بەش ھالقىلىق بايراق ئاستىدا جەم بولدى، چەت ئەل رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، خان جەمەتى ئەزالىرى ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋەدىلەشكىنى بويىچە يېتىپ كەلدى، بەزى دۆلەتلەر تۇنجى قېتىم ئۆمەك ئەۋەتىپ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. جۇڭگونىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشى جۇڭگو خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشتى.

  «ھازىر، دۇنيا بىر نۆۋەتلىك مۇۋەپپەقىيەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق كىشىلەرگە مۇنداق ئېنىق ئۇچۇر تارقىتىشقا موھتاج، يەنى ھەرقانداق بىر دۆلەت، ھەرقانداق بىر مىللەت، ھەرقانداق بىر دىندىكى خەلقنىڭ ھەممىسى ئىختىلاپلاردىن ھالقىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېسنىڭ بۇ سۆزى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ باخ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق كۆرسەتتى: بىز تەنھەرىكەتچىلەرنى مەركەز قىلىپ، بارلىق تىرىشچانلىقىمىز بىلەن مەيدان ـ ساراي ئەسلىھەلىرى قاتارلىق قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەتنى ياخشى ئىشلەيمىز. بىزنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقانلار ھەم ئالاقىدار خادىملارنىڭ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تولۇق ئىشەنچىمىز بار.

  ئىككى جايدىكى ئۈچ مۇسابىقە رايونى ئىلمىي، ئەتراپلىق بولغان «قوش يېپىق ھالقىسىمان» باشقۇرۇلدى، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قوللىنىلدى. پۈتۈن جەريانلىق، تولۇق يېپىق، نۇقتىدىن نۇقتىغىچە بولغان ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسى خاتىرجەم، ئادىمىيلەشكەن مۇسابىقىگە قاتنىشىش مۇھىتى بەرپا قىلدى. يېپىق ھالقا ئىچىدە، كۈلۈمسىرەپ تۇرغان جۈپ ـ جۈپ كۆزلەرنى ماسكا توسۇۋالالمىدى.

  «ئەگەر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىمۇ ئالتۇن مېدال بار بولسا، جۇڭگو بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشكە تېگىشلىك.» بېلگىيە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى لىندا لېبوننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ قېتىمقى جۇڭگو سەپىرىدىن ناھايىتى ھۇزۇرلانغان، جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتى ئۇنى خاتىرجەم مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.

  بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە نۇرغۇن يېڭى رېكورت بارلىققا كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرنى پۈتۈن دۇنيا ئورتاق ياراتتى − قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تېخى يېرىملاشمىغاندا، ئولىمپىكنى ئۇلاپ تارقىتىش مۇلازىمەت شىركىتى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تارىختىكى كۆرۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئايلانغانلىقىنى، ئۇلاپ تارقىتىش ۋاقتى، تېخنىكىسى، مەزمۇن ئىشلەش شەكلى قاتارلىق كۆپ جەھەتتە يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، ھەرقايسى قىتئەلەردىكى كۆرۈرمەنلەرنى جەلپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئولىمپىك تەنھەرىكىتى تەشەببۇس قىلغان <تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش>قا بۈگۈنكى دەۋر ئەڭ ئېھتىياجلىق.» «شۇڭا بىز <بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى> دېگەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. جۇڭگو تەرەپ ئولىمپىك تەنھەرىكىتى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ».

  ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى گىرەلىشىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەقدىرداش بولۇش، «بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنىش»نىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى تېخىمۇ ھېس قىلدى.

  «ئىنسانلار ئوخشاش بىر يەر شارى كەنتىدە ياشاپ، تارىخ بىلەن رېئاللىق گىرەلەشكەن ئوخشاش بىر بوشلۇقتا ياشاپ، بارغانسېرى بىر ـ بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلانماقتا.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى جاراڭلىق، كۈچلۈك ئىدى.

  «جاھان ئېجىل ـ ئىناق بولۇش، دۇنيادىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» − بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەھنىسىدە تولۇق ئىزاھلاندى.

  ئەركىن قار تېيىلىش بويىچە ئاياللارنىڭ بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئامېرىكا كوماندىسىنىڭ ماھىرى كالدۋېل بىرىنچى ۋاقىتتا چېمپىيون شۈ مېڭتاۋنى قۇچاقلىدى، «تاۋ تاۋ» دېگەن ئاۋاز نۇرغۇن كىشىنى تەسىرلەندۈردى؛ يەككە تاختىدا قار تېيىلىش تۈرى بويىچە ئاياللارنىڭ پەشتاقتىن سەكرەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ماھىرلار يارىلانغان ياپونىيە كوماندىسى تەنھەرىكەتچىسىگە بىرلىكتە تەسەللى بەردى ... بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇق توغرىسىدىكى ھېكايىلەر ھەر كۈنى بارلىققا كەلدى.

  پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ بەسلەشتى، يەنە بىر ـ بىرىگە ئىللىق تىلەك تىلىدى. رىقابەتلىشىدىغان رەقىبلەر، تېخىمۇ مۇھىمى، قالتىس بولۇشقا ئورتاق ئىنتىلىدىغان دوستلار، تەنھەرىكەتچىلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا تۇتاش ھېسسىياتنى يەتكۈزۈپ، ئورتاق قىممەتنى مۇجەسسەملىدى.

  قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەھنىسىدە، پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ قايناق ھېسسىياتى ۋە سېھرىي كۈچىنى قانغۇچە نامايان قىلدى، شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ رەڭدارلىقىنى ئېلىپ كەلدى. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن جۇڭگونىڭ باھار بايرىمى ئۇچراشقاندا، جانلىق، يېقىملىق جۇڭگو ئامىللىرى دۇنياغا ئىللىق، ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل دەقىقىلەرنى قالدۇردى.

  زور ئالقىشقا ئېرىشكەن «بىڭدۈندۈن» «شۆرۇڭرۇڭ»دىن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ چۇنليەن چاپلاپ، «بەخت» خېتى يېزىپ، جۇۋاۋا تۈگۈشىگىچە ... بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قار ـ مۇز ماھارەت سەھنىسى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بىلەن دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن ئولىمپىك مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى نۇر چاچتى.

  «سىزنىڭ قوشكېزەك بالىلىرىڭىزغا بىر جۈپ <بىڭدۈندۈن> ئالغاچ كەتمەكچى بولغانلىقىڭىزنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قىزىقىپ، سىزگە ئوخشاش قار ـ مۇز تەنھەرىكەت ماھىرى بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

  2 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى تەنھەرىكەتچى سالاھىيىتى بىلەن بەش قېتىم قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان موناكو رەھبىرى، شاھزادە ئالبېرت IIگە شۇنداق دېدى. ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئارىسىدىكى سىغدۇرۇش، چۈشىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەربىر بۆلىكىدىكى «گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش» ئېسىل داستانىنى نامايان قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «قەدىمدىن تارتىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىگە ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، تەرەققىياتقا بولغان گۈزەل ئىنتىلىشى يۈكلەنگەن.» قانداق قىلغاندا يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ؟ يۇقۇمدىن كېيىنكى دۇنيانى قانداق قۇرۇش كېرەك؟ بۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم، زور مەسىلە، شۇنداقلا بىز جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك تەخىرسىز مۇھىم، زور تېما.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىنسانلار ئوخشاش بىر يەر شارى كەنتىدە ياشايدۇ، تەقدىرى چىڭ باغلانغان. خىلمۇخىل تەخىرسىز يەر شارىۋى خىرىس ئالدىدا، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى «نوھ كېمىسى»گە بىرلىكتە ئولتۇرغاندىلا، ئىنسانلار تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئېرىشەلەيدۇ.

  بۇ كاتتا مەرىكە تارىخقا نەقىشلىنىدۇ، دۇنيا جۇڭگو يولىغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي يېڭى تونۇشقا ئىگە بولىدۇ.

  (خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى شۆ يۈەن، دۇڭ سىيۈ، سۈن لۇڭفېي)

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ