بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

2022.04.11 13:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ​شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى​

  لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى خەن جېڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى

  4-ئاينىڭ 8-كۈنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  4-ئاينىڭ 8-كۈنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان كوللېكتىپلار ۋەكىللىرى، تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان شەخسلەر ۋە جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

  بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇلۇغ ئىش ئۇلۇغ روھنى يارىتىدۇ، ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كەڭ قاتناشقۇچىلىرى ئۇلۇغ دەۋر بەرگەن پۇرسەتنى قەدىرلەپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش، تەييارلىق كۆرۈش، ئۆتكۈزۈش جەريانىدا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھىنى ئورتاق ياراتتى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھى − ئومۇمىي ۋەزىيەتنى قەلبكە پۈكۈش، ئىشەنچ بىلەن ئېچىۋېتىش، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەش، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىش، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشتىن ئىبارەت. بىز بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىشەنچ، تېخىمۇ قەتئىي غەيرەت بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى، خەن جېڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

  خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالىدا كەيپىيات داغدۇغىلىق، قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى» دېگەن يىغىن لوزۇنكىسى ئېسىلغانىدى، ئارقا پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى چاقناپ تۇراتتى، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغانىدى. 2-قەۋەت كۆرۈش سۇپىسىغا «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا ئېسىلغانىدى.

  سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يىغىن باشلاندى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇدى.

  خەن جېڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان كوللېكتىپلار ۋە تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇپ ئۆتتى. قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىلغار تىپلارنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دۆلەت تېز مۇز تېيىلىش سارىيىنىڭ مەيدان-سارايلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش كوللېكتىپى قاتارلىق 148 كوللېكتىپقا «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان كوللېكتىپ» دەپ نام بېرىش؛ سۇ يىمىڭ قاتارلىق 147 يولداشقا «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان شەخس» دەپ نام بېرىش، يولداش دېڭ شياۋلەنگە «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان شەخس» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىشنى قارار قىلدى.

  شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن شەخس ۋە كوللېكتىپلار ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

  پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يەتتە يىل جاپاغا چىداپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. جۇڭگو خەلقى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈرلۈك قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىپ، تارىخ بېتىگە پۈتۈلگەن بىر مەيدان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى يەنە بىر قېتىم بارلىققا كەلتۈردى، يەنە بىر قېتىم ئولىمپىك شان-شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىلەندى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قەرەلىدە بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، «ئىككى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى»نىڭ ئوخشاشلا قالتىس ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش جۇڭگو خەلقىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. يەتتە يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى، بېيجىڭ جاڭجياكوۋ بىلەن قول تۇتۇشۇپ مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن بارلىق ئاساسىي كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتى قاتارلىق خەلقئارا تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق تۈرلۈك قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىپ، دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى تەقدىم قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدە كۆرسەتتى، بېيجىڭ پۈتۈن يەر شارى بويىچە تۇنجى «قوش ئولىمپىك شەھىرى»گە ئايلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى مۇسابىقىلەر قالتىس ئېلىپ بېرىلدى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى تولۇق نامايان قىلىندى، «300 مىليون كىشىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشى» رېئاللىققا ئايلاندى، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىراسىنىڭ نەتىجىلىرى مول بولدى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ۋە رايون تەرەققىياتىدا قوش مول ھوسۇل ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولدى، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە ئاتلىنىپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، شۇنداقلا داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنياغا ئىشەنچ ۋە ئۈمىد ئېلىپ كېلىپ، دۇنياغا «بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى» دېگەن دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى تارقاتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يەتتە يىل جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتۇق. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش ئادەتتىن تاشقىرى قىيىن ئەھۋالدا ئالغا سىلجىتىلدى، بارلىق قاتناشقۇچىلار «بىر دەقىقىمۇ توختاپ قالماسلىق، بىر قەدەمنىمۇ خاتا باسماسلىق، بىر كۈنمۇ كېچىكتۈرمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، جاپاغا چىداپ مىسلىسىز تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. دۆلىتىمىزدىكى كەڭ تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشپ، ئۆزىدىن ھالقىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، پارتىيە ۋە خەلققە شان-شەرەپ كەلتۈردى. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كەڭ قاتناشقۇچىلىرى جاپالىق ئەجرى، كۈچلۈك ئىرادىسى، غايەت زور جاسارىتى ئارقىلىق، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، شان-شەرەپ تۇيغۇسى بىلەن تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى قالتىس تاماملاپ، ۋەتەنگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى.

  شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، تەقدىرلەنگەن تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان كوللېكتىپلار ۋە تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈشتە تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان بارلىق قۇرغۇچىلار، خىزمەتچىلەر، پىدائىيلارغا، كەڭ تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلارغا، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش قوشۇنىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قىزغىن قوللىغان كەڭ شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتى ھەمدە ئولىمپىك چوڭ ئائىلىسى، مېيىپلەر ئولىمپىك چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە پائال ياردەم بەردى، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقلىرى، خەلقئارادىكى دوستانە زاتلار زور كۈچ بىلەن قوللىدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى مۇسابىقە مەيدانىدا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، بىر-بىرىگە ئىلھام بېرىپ، ئاخىرقى چەكنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، قايناق ھېسسىياتقا تولغان مۇسابىقە جەريانىدا «تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇش − تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش»تىن ئىبارەت ئولىمپىك ھېكمەتلىك سۆزى ۋە «جاسارەت، ئىرادە، رىغبەت، باراۋەرلىك»تىن ئىبارەت مېيىپلەر ئولىمپىك قىممەت قارىشىنى مۇكەممەل نامايان قىلدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتى ھەمدە ئولىمپىك چوڭ ئائىلىسى، مېيىپلەر ئولىمپىك چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرىغا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى رايونلاردىكى دوستلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە باتۇرلۇق بىلەن بىرىنچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشقان ھەرقايسى دۆلەت تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇۋەپپەقىيەت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، غەلىبە تەستە قولغا كەلگەن. يەتتە يىلدىن بۇيانقى مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈشتىكى ئاجايىپ مۇساپىنى ئەسلىسەك، بىز كۈرەش قىلىش داۋامىدا غەلىبە خۇشاللىقىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە كۈرەش قىلىش داۋامىدا مول مەنىۋى بايلىققا ئېرىشتۇق، ئىنتايىن قىممەتلىك تەجرىبىلەرگە ئېرىشتۇق، بۇ بىزنىڭ ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىزگە، كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىزغا ئەرزىيدۇ. جەزمەن پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىزنىڭ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىزدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچىمىز، پەقەت پارتىيە رەھبەرلىكىدە باشتىن-ئاخىر ئېغىشماي چىڭ تۇرساقلا، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ھەرقانداق جاپا-مۇشەققەت، خەۋپ-خەتەر ۋە توسالغۇلار ئۈستىدىن چوقۇم غالىب كېلەلەيمىز، قىلماقچى بولغان ھەرقانداق ئىشنى چوقۇم ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز. جەزمەن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى تەشكىللەش-سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارى، بىرتۇتاش پىلانلاش-ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى، ئىزچىللاشتۇرۇش-ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى، دۆلىتىمىزنىڭ پۇختا ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنى كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ئەڭ پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. جەزمەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلاردىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەر، خىرىسلاردىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى بېسىپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. جەزمەن مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ ساغلام بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشى تېخىمۇ تولۇق بولۇش، تۇرمۇشى تېخىمۇ گۈزەل بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئورتاق قاتنىشىش، ئورتاق كۈچەش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى قەلبكە پۈكۈش، ئىشەنچ بىلەن ئېچىۋېتىش، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەش، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىش، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشتىن ئىبارەت بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھىنى تەپسىلىي بايان قىلدى. ئومۇمىي ۋەزىيەتنى قەلبكە پۈكۈش − ۋەتەنگە رىشتە باغلاپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈشنى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» دەپ بىلىپ، دۆلەت ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى شەرەپ دەپ بىلىپ، بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئېلىشىشتىن ئىبارەت. ئىشەنچ بىلەن ئېچىۋېتىش − سالاپەتلىك، كەڭ قورساق، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىنى يەتكۈزۈش، چۈشىنىشلىك چوڭ داۋلى ئارقىلىق ئۇزاق مەدەنىيلىك ئىدىيەسىنى نامايان قىلىپ، قىزغىنلىق، مېھماندوستلۇق ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ سەمىمىي دوستلۇقىنى نامايان قىلىپ، مەدەنىيلىكنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. قىيىنچىلىقلارغا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەش − جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئالىدىغان، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىدىغان كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، ئېگىلمەس-سۇنماس روھ بىلەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خەۋپ-خەتەر ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، غەلىبە ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت. قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىش − پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ، قىلچە بىخەستەلىك قىلماي، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ-لايىھەلەپ، كۆڭۈل قويۇپ ئويۇپ ۋە سىلىقلاپ، كۆڭۈل قويۇپ ماسلىشىپ مەشىق قىلىپ، ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە مۆجىزە يارىتىشتىن ئىبارەت. كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش − ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، چىڭ قول تۇتۇشۇپ، «بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنىش» بىلەن «تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش»نىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، دۇنياغا قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ قىزغىن چاقىرىقىنى چىقىرىشتىن ئىبارەت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يەتتە يىل ئەجىر قىلىپ، جاسارەت بىلەن قايتا ئاتلاندۇق. بىز پائال پىلانلاپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىراسلىرىنى ياخشى باشقۇرۇشىمىز ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ھەم مەيدان-ساراي ئەسلىھە قاتارلىق ماددىي مىراسلار بار، شۇنداقلا مەدەنىيەت ۋە ئىختىساسلىقلار مىراسلىرى بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى قىممەتلىك بايلىق، بۇلاردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك. قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى قىزغىنلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تېخىمۇ ئىشەنچ ۋە سالماقلىق بىلەن جۇڭگو ساداسىنى تارقىتىش، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەتتە ئۆزىنى بېغىشلاش، دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت پىدائىيلار روھىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ ئاكتىپ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئولىمپىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئولىمپىكنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى ۋە جۇڭگو كۈچىنى تەقدىم قىلىش كېرەك. تەنتەربىيەنىڭ ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەنتەربىيە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ تەنتەربىيە ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىز ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك.

  لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ غايەت زور نەتىجىلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، تەييارلىق كۆرۈش، مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىشتىكى يەتتە يىللىق ئاجايىپ مۇساپە ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلدى، مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەر چوڭقۇر خۇلاسىلەندى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھى چوڭقۇر، تەپسىلىي بايان قىلىندى، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىراسلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە. ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋەكىلى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى نى خۇيجۇڭ، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋەكىلى، دۆلەت قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دالىدا قار تېيىلىش ۋە قىشلىق ئىككى تۈر كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى ياڭ خۇڭچيۇڭ، پىدائىيلار ۋەكىلى، خېبېي سىفەن داشۆسى ئاخبارات تارقىتىش شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى يۈەن ۋېيتىڭ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى، يەنچىڭ يۈرۈشتۈرۈش مەركىزىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ سۇجى سۆز قىلدى.

  يىغىندىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان كوللېكتىپ ۋەكىللىرى، تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان شەخسلەر ۋە جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ھەم ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، بېيجىڭ شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، خىزمەتچى خادىملار، ئاخبارات تاراتقۇلىرى ۋە پىدائىيلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بولۇپ تەخمىنەن 3000 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ