مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قايتا سەپەرگە ئاتلىنىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش ـ تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

2022.04.11 13:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بۇ، كىشىلەر چىن قەلبىدىن كۈتكەن كۈن −

  قىزغىن ئالقىش سادالىرى خەلق سارىيىدا ئارقا ـ ئارقىدىن ياڭراپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ كەلگۈسىگە ئاتلىنىش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

  2022 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ خەلق سارىيى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تۆھپە قوشقان، ھەر ساھەدىن كەلگەن 3000غا يېقىن ۋەكىل بۇ شەرەپلىك سارايغا جەم بولۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسىلەش ـ تەقدىرلەش يىغىنىغا ئورتاق قاتناشتى.

  پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى خۇشال كۈتۈۋالىدىغان، ھەسسىلەپ ئىشەنچكە تولۇپ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا ئاتلانغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، ئىلغار تىپلارنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم، زور ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

  باھاردىكى بېيجىڭدا قۇياش نۇرى پارلاپ تۇراتتى، مەيىن شامال يۈزنى سىيپاپ ئۆتەتتى. خەلق سارىيىنىڭ 2 ـ قەۋىتىدىكى زىياپەت زالىدا رەڭگارەڭ چىراغلار كۆزنى قاماشتۇراتتى، زال ئىچى ئىللىقلىققا تولغانىدى.

  تەقدىرلەش يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەردە تەقدىرلەنگەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان كوللېكتىپلار ۋەكىللىرى، تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان شەخسلەر ۋە جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  بۇ، كۆپچىلىك تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن پەيت − سائەت 10دىن 07 مىنۇت ئۆتكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ سالماق قەدەم بىلەن زالغا كىردى، نەق مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

  «باش شۇجى ياخشىمۇسىز!» كۆپچىلىك باش شۇجىدىن قىزغىن ئەھۋال سورىدى. باش شۇجىمۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

  ھەربىر ئەھۋال سوراش كىشى قەلبىنى ئىللىتتى.

  تەبەسسۇملۇق ھەربىر چىرايدا بەخت تۇيغۇسى جىلۋىلەندى.

  دۆلەتلىك قىسقا يولدا تېز تېيىلىش كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى ۋۇ داجىڭنى كۆرۈپ، باش شۇجى كۈلۈمسىرىگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز سەككىز يىل ئىلگىرىكى 2014 ـ يىللىق سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەنىدۇق».

  «شۇنداق باش شۇجى، سىزنىڭ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە ۋە مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت» دەپ جاۋاب بەردى ۋۇ داجىڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

  كىشىلەرنىڭ پىكىر ـ خىياللىرى يەنە ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلەرگە قايتىپ كەلدى −

  2013 ـ يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭ بىلەن جاڭجياكوۋنىڭ 2022 ـ يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشىنى قوللاش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش، تەييارلىق كۆرۈش، ئۆتكۈزۈشنىڭ پۈتكۈل مۇساپىسىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن ـ ئاخىر ئۆزى بىۋاسىتە پىلانلاپ، ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئۆزى بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرۈپ، رول تۇتۇپ يول باشلىدى.

  سەككىز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، زىيارەت مەزگىلىدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن چوڭقۇر سۆھبەتلىشىشتىن تارتىپ، ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈچەش پەيتىدە سىن ئارقىلىق بېيجىڭغا مەدەت بەرگۈچە؛

  قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش، مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىشنى بەش قېتىم مەخسۇس تەكشۈرۈشتىن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن «تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس» مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە؛

  قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنھەرىكەتچىلىرى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنھەرىكەتچىلىرىنى ئارقا ـ ئارقىدىن سەمىمىي يوقلاپ، رىغبەتلەندۈرۈپ، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشتىن، 346 مىليون كىشىنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈرتكە بولۇشقىچە...

  قالتىس مۇساپىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ ئورتاق بېسىپ ئۆتتى؛ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ ئورتاق جان تىكىپ ئېلىشىپ قولغا كەلتۈردى.

  سائەت 10دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، خۇلاسىلەش ـ تەقدىرلەش يىغىنى خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالىدا رەسمىي باشلاندى، ھەيۋەتلىك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى ياڭرىدى. يىغىنغا قاتناشقان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يەككە تاختىدا قار تېيىلىش چېمپىيونى سۇ يىمىڭ قاتتىق ھاياجانلاندى: «مەن خۇددى يەنە مۇكاپات سەھنىسىدە تۇرۇپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ ئاستا ـ ئاستا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن پەيتلەرگە قايتقاندەك بولدۇم».

  ئۇزاققىچە ياڭرىغان ئالقىش ساداسى ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا مەيدىسىگە چوڭ قىزىلگۈل تاقىغان، تەقدىرلەشكە ئېرىشكەن تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان شەخسلەر ۋە تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان كوللېكتىپلار ۋەكىللىرىگە ئىزناك، گۇۋاھنامە ۋە مېدال تارقىتىپ بەردى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامىدا، تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان 148 كوللېكتىپ، تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان 148 شەخس پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچىمى بويىچە تەقدىرلىنىپ مۇكاپاتلاندى.

  بۇ، كۈرەش قىلغۇچىلار، تۆھپە قوشقۇچىلارغا بولغان ھۆرمەت، شۇنداقلا جۇڭگو روھى، جۇڭگو كۈچىگە ئوقۇلغان مەدھىيە.

  «سىز ئۇرغان توپ بەك چىرايلىق كىردى. سىلەر مۇز توپ كوماندىسى تۇنجى قېتىم قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپلا مېدال ئالدىڭلار، ناھايىتى قالتىس ئىش بولدى.» دۆلەت مېيىپلەر ئولىمپىك مۇز توپ كوماندىسىغا تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان كوللېكتىپلار مېدالى تارقاتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەكىل بولۇپ مۇكاپات ئالغان كوماندا باشلىقى سۈي يۈتاۋغا شۇنداق دېدى.

  «باش شۇجىنىڭ بىزنىڭ مېيىپلەر ئولىمپىك مۇز توپ كوماندىسىنى بۇنچە چۈشىنىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن.» سۈي يۈتاۋ خېلى ئۇزاققىچە ھاياجېنىنى باسالمىدى، «بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، مەدىتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يېڭى خىرىسلارغا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، بۇرچىمىزنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك!»

  بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش ئادەتتىن تاشقىرى قىيىن ئەھۋالدا ئالغا سىلجىتىلدى، ئەسىر يۇقۇمى بىلەن 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى گىرەلەشكەن مۈشكۈل پەيتتە، يولباشچىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى قاتمۇقات تۇمانلارنى بۆسۈپ ئۆتتى، رولچىنىڭ ئىشەنچى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەشتىكى باتۇرلۇقنى ياراتتى.

  پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلاردىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش − باش شۇجى شى جىنپىڭ تۆت «چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلىدى.

  «بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرساقلا، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق، ئورۇندىغىلى بولمايدىغان ۋەزىپە يوق!» دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى نى خۇيجۇڭ يىغىندا سۆز قىلىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىنى يەتكۈزدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن قىلغان سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش جەريانىدىكى نادىر كۆرۈنۈشلەر، ئىللىق ھېكايىلەر، تۆھپە قوشۇشتىكى ئېسىل داستانلار يەنە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىدە مەۋج ئۇردى −

  «مەززىلىك پۇرچاق مانتىسى» تىلغا ئېلىنغان چاغدىكى جانلىق ھەم يېقىملىق سۆزلەر پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. باش شۇجى ئارگىنالنى قويۇپ، كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «گۇ ئەيلىڭ گۆشنان يېيىشكە ئامراق، چەت ئەللىكلەر يەنە جۇۋاۋا يېيىشكە ئامراق.» نەق مەيداندا يەنە بىر قېتىم كۈلكە ئاۋازى ۋە ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  باش شۇجى بېيجىڭنىڭ پۈتۈن يەر شارى بويىچە تۇنجى «قوش ئولىمپىك شەھىرى»گە ئايلانغانلىقىنى تىلغا ئالغاندا، 346 مىليون كىشىنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنى تىلغا ئالغاندا، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالتۇن مېدالىنىڭ بارلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگۈچىلەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغاندا... يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى پەخىرلەندى ۋە روھلاندى.

  بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 2 ئالتۇن مېدال، 1 كۈمۈش مېدال ئالغان گۇ ئەيلىڭ باش شۇجىنىڭ ئۆزىنىڭ گۆشنان يېيىشكە ئامراقلىقىنى تىلغا ئالغانلىقىدىن ھەم ھەيران قالدى، ھەم خۇشال بولدى. «تېخىمۇ كۆپ كىشىگە جۇڭگونىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇتقانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن».

  بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش، يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ باش رېژىسسورى جاڭ يىموۋ باش شۇجىنىڭ باشلىنىش، يېپىلىش مۇراسىمىدىكى يارقىن نۇقتىلارنى پىششىق بىلىدىغانلىقىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى. «تۆت مەيدان مۇراسىم ئارقىسىدا مىليونلىغان پەردە ئارقىسىدىكى قەھرىمان بار، بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نەزەرگە ئالغانلىقىدىن، خەلقنىڭ ئېسىدە ساقلىغانلىقىدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدىم».

  خەلققە ئېھتىرام !

  «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنىڭ كۈچلۈك نامايان قىلىنىشى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە ھەربىر «كەڭ» دېگەن سۆز ئارقىلىق يۈز مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنى مەدھىيەلىدى ۋە تەرىپلىدى −

  ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇسابىقە مەيدانىدا قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشقان تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلغان مەيدان ـ ساراي قۇرغۇچىلىرى، ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلغان پىدائىيلار ۋە خىزمەتچىلەر، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئالاقىدار خادىملارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىغان داۋالاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرى بار...

  كىچىك ئېقىنلار قوشۇلۇپ دېڭىزنى ھاسىل قىلدى؛ سانسىز يۇلتۇزلار چاقناپ، سامانيولىنى يورۇتتى.

  دەل ھەربىر قاتناشقۇچىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى بولغاچقا، قار ـ مۇز كاتتا مەرىكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قالتىس، ئېسىل ئۆتكۈزۈلدى.

  «ئومۇمىي ۋەزىيەتنى قەلبكە پۈكۈش، ئىشەنچ بىلەن ئېچىۋېتىش، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەش، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىش، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش.» يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئىزاھلىدى.

  بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ روھىي قىياپىتىنىڭ دەۋر كارتىنىسى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى مەنىۋى بايلىقى.

  قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى.

  چىڭخۇا داشۆ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيلار مۇلازىمەت كوللېكتىپىغا ۋاكالىتەن باش شۇجىنىڭ قولىدىن مېدالنى تاپشۇرۇپ ئالغان چىڭخۇا داشۆ ئالەم قاتنىشى ـ ئاۋىياتسىيە شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى داڭ جاڭچىدا، باش شۇجىنىڭ يىغىندا قىلغان «ۋەتەنگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان بولۇش» دېگەن سۆزى چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. «بۇ بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا تېگىشلىك ئىش. بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەتەنگە رىشتە باغلاپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىمىزنى قوشىمىز».

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ