مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ تۈركمەنىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى، جۇڭگو -تۈركمەنىستان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ تۈركمەنىستان تەرەپ رەئىسى مېرېدوف بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى

2022.04.06 09:38 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو- تۈركمەنىستان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رەئىسى خەن جېڭ 3–ئاينىڭ 30–كۈنى بېيجىڭدا، سىن شەكىلدە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن تۈركمەنىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى، جۇڭگو-تۈركمەنىستان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ تۈركمەنىستان تەرەپ رەئىسى مېرېدوف بىلەن ئۇچراشتى.

  خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستان ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە بىۋاسىتە ئىلگىرى سۈرۈشى ئارقىسىدا، جۇڭگو-تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. بۇ يىل 3-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ سابىق زۇڭتۇڭ بەردىمۇھەممەدوف ۋە زۇڭتۇڭ سەردار بەردىمۇھەممەدوف بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تېلېفونلىشىپ، جۇڭگو-تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن يول باشلاش يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى. جۇڭگو تۈركمەنىستان بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

  خەن جېڭ جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، تەبىئىي گاز ھەمكارلىقىنى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، تەبىئىي گاز ھەمكارلىقىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش ھەمدە شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىش ھەمكارلىقىنى پائال تەتقىق قىلىپ ۋە كېڭەيتىپ، جۇڭگو-تۈركمەنىستان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇقلاش كېرەك. ئىككىنچى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى تۈركمەنىستاننىڭ «يىپەك يولىنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، قاتناش، خەۋەرلىشىش، پۇل مۇئامىلە، ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زور بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو-تۈركمىنىستان مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تۈركمەنىستان بىلەن ۋاكسىنا قاتارلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تۈركمەنىستان بىلەن بىرلىكتە ئىممۇنىتېت توسۇقى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  مېرېدوف مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدىكى ئۇچرىشىشى تۈركمەنىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. تۈركمەنىستان تەرەپ تۈركمەنىستان-جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، تۈركمەنىستان-جۇڭگو ھەمكارلىق كومىتېتى مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ