مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى لى جىنزاۋ 65 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پارا ئالغان دەپ ئەيىبلەندى

2021.10.22 11:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2021-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا ئاشكارا سوت ئېچىپ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى لى جىنزاۋنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىنى قاراپ چىقتى، شېنياڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئادەم ئەۋەتىپ سوتقا چىقىپ ئەيىبلەشنى قوللىدى، جاۋابكار لى جىنزاۋ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى.

  شېنياڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى: 1996-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، جاۋابكار لى جىنزاۋ ج ك پ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سودا مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى، سابىق دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىق، خىزمەت ھوقۇقى ۋە ئورنىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ سالاھىيەت تەستىقلاش، سۇپا قۇرۇش، قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئېلىش ۋە ۋەزىپە ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلىرىغا ياردەم قىلىپ، جەمئىي 65 مىليون 504 مىڭ 164 يۈەن ئەتراپىدا باشقىلانىڭ بەرگەن مال-مۈلكىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان. جاۋابكار لى جىنزاۋنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن سۈرۈشتۈرۈش تەكلىپى بېرىلدى.

  سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، تەپتىش ئورگىنى ئالاقىدار ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، جاۋابكار لى جىنزاۋ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى بۇنى يۈزلەشتۈرۈپ، ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ ئۆز پىكرىنى تولۇق بايان قىلدى، لى جىنزاۋ ئەڭ ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلىپ، سوتتا جىنايىتىنى تونۇغانلىقىنى، شۇنداقلا جىنايىتىگە پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا، سوت مەھكىمىسى سوتنى توختىتىپ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇخبىرلار ۋە ھەر ساھە ئاممىسىدىن بولۇپ 30 نەچچە كىشى نەق مەيداندا ئاڭلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ