مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى دۆلەتلەرگە ۋاكالىتەن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئورتاق سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۆرسەتتى

2021.09.16 21:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 14-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 48-نۆۋەتلىك يىغىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەلچىسى جياڭ دۇەن بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى دۆلەتلەرگە ۋاكالىتەن ئورتاق سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئورتاق سۆزدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئامېرىكا ئاممىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى ۋە ساغلاملىق ھوقۇقىغا سەل قارىدى، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىسى ۋە تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇپ تۇرۇقلۇق، لېكىن دۇنيا بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئۆلگەنلەر سانى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلاندى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يۇقۇمغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تاقابىل تۇرماي، ئەكسىچە ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلاردا سىياسىي ئويۇن ئويناپ، باشقا دۆلەتلەرگە ئارتىپ قويۇشقا ئۇرۇنۇپ، ئۆزىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى مەغلۇبىيەت مەسئۇلىيىتىدىن باش تارتماقچى بولدى.

  ئورتاق سۆزدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە ئۇزاق مۇددەت سىستېمىلىق ئىرقچىلىق ۋە ئىرقىي كەمسىتىش مەۋجۇت بولۇپ، ئافرىقا پۇشتىدىن بولغانلار، ئاسىيا پۇشتىدىن بولغانلار، مۇسۇلمانلار قاتارلىق ئاز سانلىقلار توپى ئۇدا كەمسىتىشكە ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، ئۇنىڭ مەنبەسى ئامېرىكا تارىخىدىكى جىنايەتكە تولغان قۇللار سودىسى ۋە قۇللۇق تۈزۈمدۇر. ئامېرىكا ئىلگىرى ئىندىئانلارغا ئىرقىي يوقىتىش ئېلىپ بارغان، ھازىر يەنىلا ئىندىئانلارنىڭ تۈرلۈك ھوقۇقلىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئۇزاقتىن بۇيان بىگۇناھ كۆچمەنلەرنى خالىغانچە نەزەربەند قىلىپ، كۆچمەنلەرنىڭ بالىلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىپ، سانسىزلىغان كۆچمەنلەر ئائىلىسىنىڭ خانىۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكا يەنە ئادەم ئېلىپ سېتىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشتىكى ئېغىر ئاپەت رايونىدۇر.

  ئورتاق سۆزدە ئامېرىكىنى ئەستايىدىل ئويلىنىش ۋە خاتالىقنى تۈزىتىش، ھەقىقىي ھەرىكەت قوللىنىپ ئۆزىنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيە ۋە قىممەت قارىشىنى مەجبۇرىي كېڭەيتىشنى توختىتىش، كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتلەرگە زەربە بېرىش، تۈزەشنى توختىتىش، باشقا دۆلەتلەرگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىندى؛ ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشى ۋە ئىنسانىي ھوقۇق يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمىنىڭ ئىزچىل ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇراجىئەت قىلىندى، ئامېرىكىنى خەلقئارا ئىنسانىي ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشقا دەۋەت قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ