مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قانۇن ئىجرا قىلىش «جەرىمانە قويۇش»قا ئۆزگىرىپ قالدى!

قاتناش ساقچىلىرىغا جەرىمانە ۋەزىپسى قويۇش بەك چەكتىن ئېشىپ كەتتى

2021.09.14 22:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەننىڭ 8-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈش بويىچە 5-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا يوشۇرۇن زىيارەتتە بولغاندا، قىسمەن قاتناش ساقچىلىرىنىڭ جەرىمانە قويۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، يولدىن ئۆتكەن يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىغا خالىغانچە جەرىمانە قويغانلىقىنى بايقىدى.

  ئىچكى موڭغۇل گېزىتىنىڭ 10-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بايقىغان مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كېچىلەپ خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ شىلىنغول ئايمىقى، ئۇلانچاپ شەھىرى ۋە باياننۇر شەھىرىگە بېرىپ، شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خەۋەردە ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر يۇقىرىقى رايونلاردا ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

  خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شىلىنغول ئايمىقى ج خ ئىدارىسى ۋەقەگە چېتىشلىق رايون، ج خ ئىدارىسىدىن قاتناش باشقۇرۇشقا مەسئۇل مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى، مۇناسىۋەتلىك ساقچىخانىلارنىڭ باشلىقى ۋە خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان؛ ئۇلانچاپ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، باياننۇر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىمۇ قاتناش باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ۋەقەگە چېتىشلىق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋە ئالاقىدار خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلاردىن ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  يۇقىرىقى ئۈچ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تارماقلىرى تەكشۈرۈشكە ئارىلىشىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  قىسمەن قاتناش ساقچىلىرى يولدا ۋاقىتلىق تەكشۈرۈش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىللىرىنى بىر-بىرلەپ توسقان ھەمدە «بىخەتەرلىك تاسمىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەتمەسلىك» قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن جازالىغان، ۋاھالەنكى، نەق مەيداندىكى شوپۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىغان ياكى جەرىمانە تالونىدا كۆرسىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلمىغان.

  جەرىمانە قويۇش نەق مەيدانىدا، مەيلى شوپۇر ياكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار بولسۇن، قاتناش ساقچىسىنىڭ جازالاش سەۋەبىنى ئىنكاس قىلىشى ۋە چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىيالمىغان. يولدىن ئۆتكەن يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى ئامالسىز ھالدا: «بۇلارغا كۆنۈپ قالدۇق» دېگەن.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ج خ تارماقلىرى ھەرقايسى ئايماق، شەھەرلىك ج خ ئىدارىلىرىنىڭ يول قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، «مىقدارىنى ئازايتىش، چوڭلىرىنى تىزگىنلەش» خىزمىتىنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باھالىغان ھەم رەتكە تۇرغۇزۇپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قېتىم سانىغا ئەڭ تۆۋەن سان تەلىپى قويغان.

  شۇڭا، ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا، بىر قىسىم ئاساسىي قاتلام قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى جەرىمانە قويۇش قېتىم سانى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن «بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تاسمىسىنى ئىشلەتمەسلىك»، «بەلگىلىمە بويىچە ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن زۆرۈر بىخەتەرلىك ئارىلىقى ساقلىماسلىق» قاتارلىق نومۇر تارتىلمايدىغان، پەقەت جەرىمانە قويۇلىدىغان سەۋەبلەر بىلەن، يولدىن ئۆتكەن يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىغا «بىر تاياقتا ھەيدەش» شەكلىدە جەرىمانە قويغان.

  بۇنىڭغا قارىتا بەزى تورداشلار گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى: مۇۋاپىق جەرىمانە قويۇش قانۇنسىز قىلمىشلارنى چۆچۈتىدۇ. لېكىن، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلار جەرىمانە كۆرسەتكۈچىنى مىقدارلاشتۇرۇپ، جەرىمانە قويۇش قالايمىقان بولۇش مەسىلىسىنى ئارقا-ئارقىدىن كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ، جەرىمانە قويۇش ئوبيېكتىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، قانۇن ئىجرا قىلىشنى «جەرىمانە قويۇش»قا ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، قانۇن-نىزاملارنىڭ سۈرى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزدى.

  قاتناش قانۇن ئىجراسى ئادىل، ھەققانىي بولۇشى، بايلىق توپلاش قورالىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى، ھەر قېتىملىق قانۇن ئىجراسىدا ياخشى نىيەتنى گەۋدىلەندۈرۈش، دەسلەپكى مەقسەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، نازارەتچىلىككە بەرداشلىق بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ