مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقئارا رىقابەت كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى

ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئۇدا 11 يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولدى (يېڭى سانلىق مەلۇمات، يېڭى نەزەر)

2021.09.14 22:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-سېنتەبىر گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2010-يىلىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئۇدا 11 يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئىگىلىگەن نىسبىتى %30 كە يېقىنلاشقان. دۇنيادىكى سانائەت سىستېمىسى ئەڭ مۇكەممەل دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن 500 خىل ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلاتى ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ %40 تىن ئارتۇق مەھسۇلاتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلەتلىك ئورنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەنگەن. 2012-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، ئېلىمىزنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى 20 تىرىليون 900 مىليارد يۈەندىن 31 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى 16 تىرىليون 980 مىليارد يۈەندىن 26 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، دۇنيا بويىچە ئىگىلىگەن نىسبىتى %22.5 تىن %30 كە يەتكەن.

  —— ياسىمىچىلىقنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىز سانائىتى 41 چوڭ تۈر، 207 ئوتتۇرا تۈر، 666 كىچىك تۈرگە ئىگە بولۇپ، دۇنيادىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كەسىپ تۈرلىرى ئىچىدە بارلىق سانائەت تۈرلىرىگە ئىگە بىردىنبىر دۆلەت ئىكەن. 2020-يىلى ئېلىمىزنىڭ 220 نەچچە خىل سانائەت مەھسۇلاتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. فوتوۋولت، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەر دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكەن، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قاتارلىق ساھەلەردىكى بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك ماركىلار دۇنياغا يۈزلەنگەن. ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكىدە، ئېلىمىزنىڭ سانائەت ساھەسىدىكى 73 كارخانا تىزىملىككە كىرىپ، 2012-يىلىدىكىدىن 28 ى كۆپەيگەن، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى»نىڭ دۇنيا كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى تەسىر كۈچى سىجىل ئاشقان.

  —— ياسىمىچىلىقنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. «چاڭئې 5-نومۇر»، «تيەنۋېن 1-نومۇر»، «كۈرەشچى نومۇرلۇق»، «يەتىكەن 3-نومۇر»... چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلارنىڭ غەلىبە خەۋەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن تارقىلىپ، چوڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم قوراللىرى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. 2020-يىلى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىيات ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى، تەتقىقات خىراجىتى چىقىمى 2012-يىلىدىكىدىن بىر قاتلىنىپ، ئۈنۈملۈك كەشپىيات پاتېنت ئىلتىماسى ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى. ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش، چوڭ تىپتىكى قېزىش جابدۇقلىرى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى يۈرۈشلۈك جابدۇقلىرى، مېتال نانو قۇرۇلمىلىق ماتېرىياللار قاتارلىقلار دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى، دۆلىتىمىزنىڭ ياسىمىچىلىقى جۇڭگو ياسىمىچىلىقىدىن جۇڭگو ئىجادىيىتىگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.

  —— ياسىمىچىلىق كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسى تېز ئۆستۈرۈلدى. يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 2012-يىلىدىكى %9.4 تىن 2020-يىلى %15.1 كە يەتتى؛ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ كۆلەمدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %28 تىن %33.7 كە يەتتى؛ تېخنىكا ئۆزگەرتىشكە سېلىنغان مەبلەغنىڭ سانائەتكە سېلىنغان مەبلەغدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %47.1 كە يەتتى؛ يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئۈسكۈنە، يېڭى ھۈنەر-سەنئەت كەڭ قوللىنىلدى. كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلارنى سېتىش كىرىمىنىڭ ئاساسىي تىجارەت كەسپىي كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %20 ئەتراپىغا يەتتى.

  —— ياسىمىچىلىقنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلدى. ئېلىمىز يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئوپتىك تالا ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش تورىنى قۇرۇپ چىقتى. G5 ئاساسىي پونكىتى، تېرمىنال ئۇلاش سانىنىڭ دۇنيا بويىچە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %70 ۋە %80 تىن ئېشىپ كەتتى. رەقەملىك كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق ئىش تەرتىپىنىڭ رەقەملىك كونترول قىلىنىش نىسبىتى 2012-يىلىدىكى %24.6 تىن 2020-يىلىدىكى %52.1 كە ئۆستۈرۈلدى، رەقەملىك تەتقىق قىلىپ ئېچىش، لايىھەلەش قوراللىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %48.8 تىن %73 كە ئۆستۈرۈلدى. رەقەملىك ئىقتىساد ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

  (ئالاقىدار خەۋەرنى بۈگۈنكى خەلق گېزىتىنىڭ 2-بېتىدىن كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ