مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېزا-كەنتلەردىكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى «ۋەزىپە ئۈچۈنلا قۇرۇش»قا بولمايدۇ

2021.09.07 18:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئايرىم يېزا-قىشلاقلاردا پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش تۇرۇببا تورى ئاللىقاچان ياسىلىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىشلەتكىلى بولمىدى. يېقىندا، گوۋۇيۈەننىڭ 8-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشىدىكى 4-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ لوفەن ناھىيەسىدە تەكشۈرۈشتە مۇشۇنداق مەسىلىنى بايقىدى. شۇ جايدىكى بىر قىسىم يېزا-بازارلارغا پاسكىنا سۇ ئاساسىي تۇرۇببا تورى ياتقۇزۇلغان بولسىمۇ ئىشلىتىلمىگەن، ئىشلىتىش نىسبىتى يۇقىرى بولمىغانلىقتىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەزىرىدە «زىننەت بۇيۇمى»غا ئايلىنىپ قالغان. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتقان تۇنجى يىلدا ياشاشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇشتا، يېزىلاردىكى پاسكىنا سۇ تۇرۇبا تورىنى «ئىشلىتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك.

  شەكىلۋازلىق — يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ خەۋپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم — يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېھتىياجىدۇر. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش — سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش ئاسان ئەمەس، تېخنىكا ئەندىزىسىمۇ ئاسان ئەمەس، ئىشلىتىش، ئاسراشمۇ ئاسان ئەمەس، ھەر قانداق بىر ھالقا ياخشى يولغا قويۇلمىسا، «پۇل خەجلەپ خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان» ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئىلگىرى، ئاز ساندىكى جايلاردا يېزا ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىشتە لايىھەدىكى نۇقسان چوڭ بولۇش، قۇرۇلۇش سۈپىتى ناچار بولۇش، كېيىنكى كاپالەت ئاجىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، ئۆزگەرتىپ ياسالغان ھاجەتخانىلار قارىماققا ئېسىل، لېكىن كارغا كەلمەي، ئامما تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەنىدى. بۇ بەزى جايلاردىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىدا قۇرۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، باشقۇرۇشقا سەل قاراش مەسىلىسىنى، قۇرۇلۇش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنىڭ كەمچىللىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. يېزا-كەنتلەرنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا ھەم شۇ مەزگىللىك سېلىنما مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ھەم كېيىنكى مەزگىللىك باشقۇرۇش-ئاسراش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كەڭ يېزىلارنى قۇرۇپ چىقالايدىغان، ھەم ئىشلىتەلەيدىغان قىلىش كېرەك.

  قىسقىسى، يېزا-كەنتلەردىكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى «ۋەزىپە ئۈچۈنلا قۇرۇش»قا بولمايدۇ، دىققەتنى ئاممىنىڭ «جىددىي، قىيىن، ئەنسىرەيدىغان، ئىنتىزار بولغان» مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش كېرەك. ھۆكۈمەت تارماقلىرى تاللاش ھوقۇقىنى دېھقانلارغا بېرىپ، «مەن نېمە بىلەن تەمىنلىسەم، سەن شۇنى ئىشلىتىسەن» دەيدىغان ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، «سىزگە نېمە كېرەك بولسا، مەن شۇنى تەمىنلەيمەن» دەيدىغان مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. بىر تەرەپتىن، ياخشى ئىشنى ياخشى قىلىپ، ئەمەلىي ئىشنى ئەمەلىي قىلىپ، «قۇرۇپ بولۇپلا تاشلاپ قويىدىغان» روھىي ھالەتنى تۈگىتىپ، «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»دىكى توسالغۇنى تۈگىتىپ، ئەسلىھەلەرنى ئەسقاتىدىغان، ياخشى ئىشلەتكىلى بولىدىغان قىلىش، دېھقانلار ئىشلىتىشنى خالايدىغان، ئىشلىتەلەيدىغان قىلىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، شارائىتى بار رايونلارنىڭ يېزا مۇھىتىنى تۈزەش بىلەن يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشىنى قوللاپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاشنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ