خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1 - سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋە «ئىككىنى ئازايتىش»، «بەش تۈرلۈك باشقۇرۇش» قا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن كېيىن، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر سىنىپلارنى تەكشى ئايرىش قانۇن بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھەر قانداق نام بىلەن نۇقتىلىق سىنىپلارنى تەسىس قىلماسلىقى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنى تەكشى تەقسىملەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئوقۇتۇش پىلانىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، دەرس سائىتىنى خالىغانچە قىسقارتىش، قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىش، دەرس سۈرئىتىنى تەڭشەش ۋە دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ يېڭى دەرس سۆزلەشنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ