مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك

—— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2021.08.30 22:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە، ھەر مىللەت خەلقنى جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان، ھايات-ماماتتا بىللە بولىدىغان، تەقدىرداش بولىدىغان ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك.» مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان يۈكسەك تونۇشىنى چىڭىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى — دۆلەتنىڭ بىرلىكىنىڭ ئاساسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى، مەنىۋى كۈچنىڭ جېنى. دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى شەكىللەندى. بىزنىڭ بىپايان زېمىنىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئاچقان، بىزنىڭ ئۇزاق تارىخىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان، بىزنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان، بىزنىڭ ئۇلۇغ روھىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق يېتىلدۈرگەن. ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ كۈرەش قىلىش مۇساپىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئىجادچانلىقىنىڭ مۇھىم مەنبەسى. جۇڭگو تارىخى — مىللەتلەر قوشۇلۇپ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى بولۇپ چىقىش تارىخى، مىللەتلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئۇلۇغ ۋەتەننى ئورتاق بەرپا قىلىش، راۋاجلاندۇرۇش، مۇستەھكەملەش تارىخىدۇر. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلىشىشى ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان مول مىراسى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنى كۆزلەپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى يېڭىلىق يارىتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى كەڭ دائىرىدە كېڭەيدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتى — تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىدۇر، بىرى گۈللەنسە، ھەممىسى گۈللىنىدۇ، بىرى زىيانغا ئۇچرىسا، ھەممىسى زىيانغا ئۇچرايدۇ؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جېنى، كۈچى، ئۈمىدىدۇر.

  بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. مۇرەككەپ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، بىز تېخىمۇ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىكى غايەت زور پاراخوتنىڭ غەلىبىلىك ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش — مىللەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. شۇنى چوڭقۇر تونۇش كېرەككى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم ئىدىيە سېپىلىنى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق ياخشى قوغدىغاندىلا، ئاندىن تۈرلۈك ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى، ئاغدۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرغىلى، مىللەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرغىلى، ياخشى قوغدىغىلى، ياخشى راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىگەندىلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا مىللەت ساھەسىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى مۇھىم ئىدىيەۋى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىگەندىلا، مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىگە بولغان ئاڭلىق تونۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تونۇش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى، ئۇيۇشۇشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ؛ دەۋر ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، ئورتاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش يۆنىلىشى بويىچە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ئورتاقلىق بىلەن پەرقنىڭ دىيالېكتىك بىرلىكى، مىللەت ئامىلى بىلەن رايون ئامىلىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ئىنچىكە، پۇختا ئىشلىگىلى بولىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتا، توغرىسىدا چىڭ تۇرۇش، ۋاقتى ئۆتكەنلىرىنى تەڭشەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.» يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە نۇقتىلىق ھالدا بىر قانچە جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك: ئورتاقلىق بىلەن پەرقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەش، ئورتاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەرقنى ھۆرمەتلەش ۋە سىغدۇرۇش — مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بىلەن مىللەتلەر ئېڭىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، مىللەتلەرنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى باشتىن-ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقا يېتەكلەش، ئۆز مىللىتى ئېڭىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىغا بويسۇندۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلدۇرۇش لازىم، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا مىللەتلەرنىڭ كونكرېت مەنپەئەتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، چوڭ خەنزۇچىلىق ۋە يەرلىك مىللەتچىلىك جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا پايدىسىز؛ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەش لازىم، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىي غول، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى شاخ-يوپۇرماقتۇر، يىلتىز چوڭقۇر، غول كۈچلۈك بولغاندىلا، ئاندىن شاخ-يوپۇرماقلىرى باراقسان بولىدۇ؛ ماددا بىلەن روھنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، بارلىق ئىسلاھات، تەرەققىياتلارغا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ بىرلىكنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى مۇستەھكەم قىلىش كېرەك.

  جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە، ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولغاندىلا، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئارزۇسى ئاندىن ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى گۈللىرى ئاندىن مەڭگۈ ياشنايدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى، ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە رېئال قاراتمىلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولساق، بىز چوقۇم مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتالايمىز!

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ