مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاساسىي قاتلامدىكى يېڭى شەكىلۋازلىق باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش لازىم

2021.08.20 23:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئەسلىدىكى كۆپ ھەم ئەھمىيەتسىز يىغىن قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ بىرئاز ئازايغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. بىراق ئاز ساندىكى جايلاردا شەكىلۋازلىقنىڭ «تېزىنى باسسا مېزى چىقتى»، يېڭىدىن كۆپەيگەن بەزى خىزمەت مەزمۇنلىرىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە شەكىلۋازلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، بۇ جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى ۋە ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكۈزدى.

  ئەپ دېتالى چۈشۈرۈش، سالونغا ئەگىشىش، ھەر كۈنى سوئالغا جاۋاب بېرىپ جەملىمە نومۇر جۇغلاش؛ سۈرەتكە تارتىش «بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە» بولۇپ قېلىش، رەسىم ھەتتا ئۆلچىمى ۋە سانىغا تەلەپ قويۇلۇش؛ يانفوندا خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۈندىدار توپىدىن نەچچە ئونى پەيدا بولۇپ، ھەر كۈنى نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىش؛ ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىپ يۈرگۈزگەن ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇننىڭ ئوقۇلۇش مىقدارى يۇقىرى بولماسلىق، لېكىن ھەپتە ئاخىرىدا يەنە يۈرەك بېرىپ باھا يېزىش، تارقىتىش، رەسىم كېسىپ ئىدارىنىڭ توپىغا يوللاش... بۇ شەكىلۋازلىق ئىپادىلىرىنى تىزىپ چىقىشقىلا خېلى كۈچ كېتىدۇ. ئەگەر ۋاقىت ئۇلار تەرىپىدىن ئىگىلەنسە، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپنى تاماملاشقا قانداقمۇ ۋاقتى بولسۇن؟ قانداقمۇ يېتەرلىك زېھنى بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرەلىسۇن؟

  نۆۋەتتە، كۆچمە ئالاقە تورى يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى سۇپىسى قاتارلىق ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان شەكىلۋازلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شەكىلۋازلىق بىر كۈنلۈك نۇقسان ئەمەس، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى تۈپتىن يېنىكلىتىشمۇ بىر كۈندىلا پۈتىدىغان ئىش ئەمەس. بەزى جايلاردا شەكىلۋازلىق قايتا-قايتا چەكلىسىمۇ تۈگىمەيۋاتىدۇ، قايتا-قايتا تۈزەتسىمۇ تۈگىمەيۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئارقىسىدىكىسى ئىستىل مەسىلىسى بولۇپ، تۈپتىن ئېيتقاندا نەتىجە قارىشىدا ئېغىش كۆرۈلگەنلىكتۇر. ئەگەر كادىرلارنى باھالاش، ئۆلچەشتە كادىرلارنىڭ ئۆز خىزمىتىنى تاماملاش سۈپىتىگە قارىماي، ساقلىنىپ قالغان سۈرەتلەرنىڭ سانىغا، يوللانغان خەۋەردىكى يۈرەك سانىغا قارايدىغان، پۇقرالار بەرگەن نومۇرغا قارىماي، ئەپ دېتالىدىكى جەملىمە نومۇرغا قارايدىغان بولساق، خاتا يۆنىلىش مۇقەررەر ھالدا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. باھالاشتىن ئىبارەت بۇ «قوماندانلىق تايىقى»دىن ياخشى پايدىلىنىپ توغرا نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشنى ئويلىشىپ، ئەمەلىي نەتىجە ئارقىلىق سۆز قىلغاندىلا، ئاندىن شەكىلۋازلىقنىڭ يىلتىز تارتىپ شاخلىنىش «تۇپرىقى»نى يوقاتقىلى، ھەم شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى ۋاقتىدا تۈزىگىلى بولىدۇ.

  شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق پارتىيەمىزنىڭ چوڭ دۈشمىنى، خەلقنىڭ چوڭ دۈشمىنىدۇر. ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئاساسىي قاتلامدا كۆرۈلگەن تۈرلۈك شەكىلۋازلىق بىخلىرىنى تۈزىتىشنىمۇ دائىم بوشاشماي تۇتۇش كېرەك. بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامنىڭ تەسىراتى ئەڭ بىۋاسىتە، ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرگە قارىتا ئورۇن ئالماشتۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى يولداشلارنىڭ غەم-ئەندىشىسى، ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى كۆپرەك چۈشىنىپ، «قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش» كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، «مىخ قاقىدىغان» غەيرەتكە كېلىپ، كونا شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرى ۋە يېڭى ئىپادىلەرگە چىڭ تىكىلىپ قويۇۋەتمەي چىڭ تۇتۇپ، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، مەنبەدىن تۈزىگەندە، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ