خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاي ئۆتۈپ كەتسە، نۇرغۇن بايرام ۋە دەم ئېلىش كېلىدۇ.
جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 19- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2021- يىللىق جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئېلان قىلىنغان.
جۇڭچيۇ بايرىمى: 9- ئاينىڭ 19 ـ كۈنىدىن 21 ـ كۈنىگىچە ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ،9 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى (شەنبە) ئىشلەيدۇ.
دۆلەت بايرىمى: 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 9- ئاينىڭ 26-كۈنى (يەكشەنبە)، 10- ئاينىڭ 9- كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ