مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىستېمال يېڭى يارقىن نۇقتىسى جۇڭگو چوڭ بازىرىنى ئەكس ئەتتۈردى

2021.05.10 19:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن «1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بىر قاتار ئىستېمال سانلىق مەلۇماتلىرى كىشىنى روھلاندۇردى: دۆلەت ئىچى ساياھىتىدە 230 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتكە چىقىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %119.7 ئاشتى؛ كىنو بېلەت كىرىمى 1 مىليارد 668 مىليون يۈەنگە يېتىپ، كىنو كۆرگەنلەر 44 مىليون 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى؛ پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە يوللانغان تېز يەتكۈزۈش پوسۇلكا مىقدارى 2 مىليارد 600 مىليون پارچىغا يېقىن بولۇپ، يۇقىرى ساندا تەرتىپلىك يۈرۈشۈشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلىدى... ئوتتەك ئىستېمال قىزغىنلىقى، كۈچلۈك يۇقىرى ئۆرلەش ۋەزىيىتى جۇڭگونىڭ تولۇپ تاشقان ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ كەڭ ئىستېمال بازىرىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى بىۋاسىتە كۆزىتىدىغان سانلىق مەلۇمات بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى سانلىق مەلۇمات ئارقىسىدىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك، يۈزلىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر. ساياھەتچىلەر سەپەرگە چىقىش سۈپىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، زاكازلاشتۇرۇش، كىچىكلەشتۈرۈش كۈنسېرى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندى؛ توردا پارچە سېتىش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش بىلەن تەمىنلىدى؛ جايلارنىڭ ئىستېمالىدا يارقىن نۇقتىلار گەۋدىلىنىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى سىجىل ئۇرغۇتۇلدى... ماددىي ئىستېمالدىن مۇلازىمەت ئىستېمالىغىچە، ئەنئەنىۋى ئىستېمالدىن گۈللەنمە ئىستېمالغىچە ئاممىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجى كۈنسېرى خاسلاشتى، كۆپ مەنبەلەشتى. بۇ ھەم خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىغا ماسلاشماقتا، ھەم ئىستېمال بازىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتمەكتە.

  جۇڭگو بازىرى دۇنيانىڭ پۇرسىتىدۇر. گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىدىن مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسىگىچە، ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىن ئىستېمال كۆرگەزمىسىگىچە كاتتا يىغىلىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بازار پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك سەمىمىي ئارزۇسىنى نامايان قىلدى. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويغاندا، جۇڭگونىڭ بازار يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز قوزغىلىدۇ، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كەڭ بازار پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشىغا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ