مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىزنىڭ يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىياسەت سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى

جەملىمە نومۇر تۈزۈمى يېزىلاردىكى «ھالقىلىق كىچىك ئىش»لارنى ھەل قىلىشقا كۈچ قوشتى

2020.08.03 16:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى يېقىندا بېيجىڭدا ئاچقان مەملىكەتلىك يېزا- كەنتلەرنى تۈزەشتە جەملىمە نومۇر تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىن يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، جەملىمە نومۇر تۈزۈمىنى قوللىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يېزا- كەنتلەردىكى «ھالقىلىق كىچىك ئىش» لارنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان.

  جايلارنىڭ جەملىمە نومۇر تۈزۈمى ئۈستىدە ئىزدىنىش شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، يارقىن نۇقتىلار ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلگەن. نىڭشيانىڭ گۇيۈەندە، ھەر قايسى مەمۇرىي كەنتلەردىكى ئائىلىلەر بىرلىك قىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ناچار ئۆرپ- ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق 12 چوڭ تۈردىكى 51 تۈرلۈك مەزمۇن ئاساسىي جەملىمە نومۇر، دېموكراتىك جەملىمە نومۇر، تۆھپە جەملىمە نومۇردىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامغا بۆلۈپ مىقدارلاشتۇرۇلۇپ نومۇر قويۇلغان، كەنت ئاھالىلىرى بىر نومۇرغا بىر يۈەن ئۆلچەم بويىچە كارتا بىلەن مېھىر- شەپقەت تاللا بازىرىدىن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالغان؛ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ جىنشىدا، 51 كەنت ۋە يېزا مەھەللىلىرىدە «يېشىل بانكا» قۇرۇلۇپ، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ مىقدارلاشتۇرۇپ جەملىمە نومۇر قويۇلۇپ، ھەر بىر دېھقان ئائىلىسىگە «يېشىل ئامانەت كىنىشكىسى» تارقىتىلىپ، يېزىلاردىكى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى % 100 كە يەتكۈزۈلگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۇرغۇن يېزا- كەنتلەردە جەملىمە نومۇر ئارقىلىق باشقۇرۇش ئاساسلىق شەكىل قىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان يېنىدىكى ئەڭ جىددىي ئىشتىن باشلاپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ مۇھىم ئىشلىرى مىقدارلاشتۇرۇلۇپ جەملىمە نومۇر كۆرسەتكۈچى قىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھەرىكىتى باھالىنىپ ۋە جەملىمە نومۇر بېرىلىپ، جەملىمە نومۇر نەتىجىسىگە ئاساسەن مۇناسىپ رىغبەتلەندۈرۈلگەن. جەملىمە نومۇر تۈزۈمى يېزىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، ئاددىي، ئاسان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى ۋە ئاددىي-ساددا خەلق ئىستىلى يېتىلدۈرۈلۈپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ تۈزەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈلگەن.

  نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلدى، ماس ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. 7-ئاينىڭ بېشىدا، مەملىكەت بويىچە مەركەز يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى باش بولغان، 15 تارماقتىن تەركىب تاپقان مەملىكەت بويىچە يېزا- كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش مىنىستىرلىقلار بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمى ئورنىتىلدى، ھازىر 21 ئۆلكىدە يەرلىك بىرلەشمە يىغىن قاتارلىق ماس ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىلدى ھەمدە يېزا-كەنتلەرنى تۈزەشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، قەرەللىك كېڭىشىشنى قانات يايدۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە 115 ناھىيە (شەھەر، رايون) دا يولغا قويۇلغان يېزا- كەنتلەرنى تۈزەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىمۇ تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ