مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: نەتىجە ئاسانغا توختىمىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ تارىسىنى ئۇزۇن ۋاقىت چىڭ تارتىپ تۇرۇشىمىز كېرەك

--- «يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىش» ھەققىدە بىر يۈرۈش ماقالىلەرنىڭ بىرى

2020.08.03 15:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ئىنسانلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، بۇ قېتىمقى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن بولغان «دوقۇرۇشۇش جېڭى»دە، جۇڭگو خەلقى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو كۈچى ۋە جۇڭگو روھىنى نامايان قىلدى، ھەمدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولىدىغان، بىر-بىرىگە ھەمدەم بولىدىغان ئائىلە-دۆلەت مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن تەقدىم قىلغان جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى نامايان قىلدى.

  ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېبىي خادىملار جەڭگە ئاتلىنىپ، خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى بۇيرۇقنى ئاڭلاپ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، كەڭ ئامما ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، بەس-بەستە قاتنىشىپ، پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى قەتئىي ئىرادە بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىقتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە كېڭەيتىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىدى. بۇ نەتىجە ئاسانغا توختىمىدى، ئۇ كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەش كېرەك.

  گەرچە نۆۋەتتە جۇڭگودا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەمەلىيەتتە ھەل قىلغۇچ غەلىبىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. يېقىندىن بۇيان، شىنجاڭ، لياۋنىڭ داليەن ۋە شياڭگاڭ قاتارلىق جايلاردا يۇقۇمدىن يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللەر كۆرۈلدى. بۇ ناھايىتى زور دەرىجىدە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، يۇقۇمنىڭ دۆلەت ئىچىدە تارقىلىشى، ھەتتا قىسمەن يىغىلىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنىڭ كۆرۈلۈشى نورمال بىر ئەھۋال بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان يۇقۇمغا قارىتا بىز ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزنى سەگەك تۇتۇشىمىز كېرەك، يۈزەكى ئەھۋالغا ئالدىنىپ قېلىشقا، بىخۇدلۇق قىلىشقا، بىپەرۋالىق ۋە بىخەستەلىك قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

  بىزنىڭ بۇ يەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تارىسىنى چىڭ تارتىپ تۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلىشىمىزدىكى بىر مۇھىم ئالدىنقى شەرت شۇكى، نۆۋەتتە يېڭى تاج ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك يەنە نۇرغۇن ئېنىقسىز ئامىللار مەۋجۇت. كىشىلەر گەرچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن «تۇتۇشۇش» ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى، كېسەللىك پەيدا قىلىش مېخانىزمى، كېسەللىكنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى، كېسەللىك جەريانىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تارقىلىش قانۇنىيىتى قاتارلىقلارنى پەقەت دەسلەپكى قەدەمدە تونۇپ يەتتى، ئەمما ئۇلارنى چوڭقۇر ئىگەللىدۇق، دەپ ئېيتىش تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ. ئىنسانلار كېسەللىك تارىخىدىكى تاقابىل تۇرۇش ئەڭ قىيىن بولغان ۋىرۇسلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ خىل ۋىرۇس نۇرغۇن جەھەتلەردە ئىنسانلارنىڭ تونۇش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن. دەل مۇشۇ خىل ئېنىقسىزلىق ۋە جەزىملەشتۈرۈشكە بولماسلىقتەك ئامىللار يۇقۇمنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنى بەزى يېڭى ئالاھىدىلىك ۋە تاسادىپىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلدۇردى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بىز ۋىرۇس ئۈستىدىن تولۇق غەلىبە قىلىپ بىخارامان ياشايدىغان مەزگىلگە تېخى يېتىپ كەلمىدۇق، ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانسېرى، بوشىشىپ قېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

  «يۇقۇم» بىلەن قىلىنغان جەڭنىڭ نەتىجىسىنى ياخشى ساقلاپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ تارىسىنى چىڭىتىپ تۇرۇشىمىز لازىم. شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، پۈتۈن يەر شارىدا يۇقۇم ئەھۋالى تېخى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنمىگەن ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، يەر شارىدا يۇقۇم ئەھۋالى ئۇ يەردە بېسىقسا بۇ يەردە قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشتەك ۋەزىيەتتە تۇرماقتا، كەڭ تارقىلىش ۋەزىيىتى داۋاملىشىدۇ. يۇقۇمنىڭ سىرتتىن ئېقىپ كىرىشىدىن كېلىپ چىققان تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئۇزاققىچە دىققەت قىلىپ، قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ سىرتىن كىرىشىنىڭ ۋە ئىچكى قىسىمدا قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ تۇرغاندىلا، ئاندىن بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ياخشى ساقلاپ، بىر غەلبىدىن يېڭى بىر غەلبىگە قاراپ ئىلگىرلىيەلەيمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ