باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7-ئومۇمىي يىغىنى ئاخباراتى

2017.01.10 14:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7-ئومۇمىي يىغىنى 6-يانۋاردىن 8-يانۋارغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى، بۇ قېتىمقى يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرىدىن 123 كىشى قاتناشتى، 266 كىشى سىرتتىن قاتناشتى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۇ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىندا 2016-يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى يەكۈنلەندى، 2017-يىللىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يولداش ۋاڭ چىشەننىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن« پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن 19-قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى»دېگەن دوكلاتى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، «جۇڭگو كومپارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش خىزمىتى قائىدىسىنىڭ سىناق نۇسخىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، يولداش ۋاڭ چىشەن قائىدىنىڭ سىناق نۇسخىسىغا قاراپ چىقىش نۇسخىسى ھەققىدە ئىزاھات بەردى.

  ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلۈپ، بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى مەنىلىك، يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە، مەزمۇنى چوڭقۇر، ئۇنىڭدا كۆزقاراشلار بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئىشەنچ تولۇپ تاشقان، ئەلگە رىشتە باغلاش، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشتەك سەمىمىي روھ مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، چوڭقۇر ئىدىيەۋىلىككە ۋە كۈچلۈك تەسىر كۈچىگە ئىگە.باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستىراتېگىيەلىك ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلگەن گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئومۇمىي تەلەپ ۋە ئاساسى ۋەزىپىلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: 2016-يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەش گەۋدىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مۇھىم سۆزلەرنىڭ روھىنى ئىدىيە قورالى ۋە ھەرىكەت قىبلىنەماسى قىلىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، توغرىلىنىش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ئاڭلىق ساقلاش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى خىزمەتلەر يەكۈنلىنىپ، تۆۋەندىكى تەسىراتلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىش، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قوغداش.

  ئىككىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىدىن ئىبارەت بۇ نېگىزىنى چىڭ تۇتۇش، تۈزۈم قەپىسىنى چىڭىتىش، پارتىيەنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش.

  ئۈچىنچى، ئەل كۆڭلى ئەڭ چوڭ سىياسىي، پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئاساسى قاتلاملارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاش.

  تۆتىنچى، ئىشەنچنى نازارەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئۆز ئۆزىنى نازارەت قىلىشى بىلەن پارتىيەنىڭ ئىچكى نازارىتى، جەمئىيەت نازارىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سىنىقىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش.

  بەشىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش، كەڭ، يۇمشاق بولۇشتىن چىڭ، قاتتىق بولۇشقۇچە بىر ئۇزاق مۇساپە، چىڭ تۇرۇش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا چىڭ تۇرۇش، مەڭگۈ بۇ يولدىن چىقماسلىق، ياخشى ۋەزىيەت يارىتىپ، يۆنىلىشتىن قېيىپ كەتمەسلىك كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇ يىل پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى زور، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي تەلىپى مۇنداق: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-،4-،5-،6-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، 4 ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ماس قەدەملىك ئىلگىرى سۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۆت ناتوغرا ئىستىلنى قەتئىي تۈزىتىپ، چىرىكلىكنى جازالاشتا يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ئىكولوگىيەسىنى ياخشى قوغداپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، چىرىكلىكنى جازالاشتا قاتتىق بولۇشىمىز، تۈزۈم قەپىسىنى چىڭ تۇتۇشىمىز، نازارەت، ئىنتىزام ئىجراسى خىزمىتى قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشىمىز، رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىمىز ئارقىلىق سەمىمىيىتىمىزنى ئىپادىلىشىمىز، ياخشى روھىي قىياپىتىمىز ۋە ئەلا خىزمەت نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامىدا چىڭ بولۇش؛ ئىككىنچى، يېتەرسىزلىكلەرنى ئوڭشاپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش؛ ئۈچىنچى، ئىنتىزامنى كۈچلۈك سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىش؛ تۆتىنچى، مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۆزىنى نازارەت قىلىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ بەشىنچى، بايرىقى، مەيدانىنى چىڭىتىپ، نىشان، ۋەزىپىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئەۋزەل ۋەزىيەتنى پۇختىلاش؛ ئالتىنچى، مەۋقەنى بۇ نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا قارىتىپ، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى تېخىمۇ پۇختىلاش ۋە يەكۈنلەش؛ يەتتىنچى، ئۆزىگە تېخىمۇ تەلەپچان بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىق كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىندا، «جۇڭگو كومپارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمىتى قائىدىسىنىڭ سىناق نۇسخىسى» قاراپ چېقىلدى.

  ئومۇمىي يىغىندا، پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يولداش لى شۇلېي جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقى، مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا سايلاندى.

  ئومۇمىي يىغىندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋاڭ جوڭتيەننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى، لى جيەنبونىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى قاراپ چېقىلدى ھەم ماقۇللاندى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېت دائىمىي كومىتېتى بۇندىن بۇرۇن چىقارغان ۋاڭ جوڭتيەنگە پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىش، لى جيەنبوغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىش، ئۇنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىدىن ئىستېپا بېرىشكە بۇيرۇش ھەققىدىكى قارارى جەزملەشتۈرۈلدى.

  ئومۇمىي يىغىندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، مەغرۇرلۇق، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچلۈك كاپالەت ھازىرلاپ، پارتىيە ۋە خەلققە رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرىشكە چاقىرىلدى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر