باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دۆلەت نامرات رايوندىكى بالىلارنىڭ تەرەققىيات پىلانى (2014-يىلدىن 2020-يىلغىچە)»نى ئېلان قىلدى

2015.01.19 10:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 15-يانۋار تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «دۆلەت نامرات رايوندىكى بالىلارنىڭ تەرەققىيات پىلانى (2014-يىلدىن 2020-يىلغىچە)»نى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىلان» دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىپ، نامرات رايوندىكى بالىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات رايوندىكى بالىلارنىڭ ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىشتىكى ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھۆكۈمەت، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ نامرات بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پۈتۈن مۇساپىدە غەمخورلۇق قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىلان»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئېلىمىز بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭ ئەمەس، بولۇپمۇ مەركەزلىك تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايونلاردىكى 40 مىليون بالىنىڭ ساغلاملىق ۋە مائارىپ جەھەتتىكى تەرەققىيات سەۋىيىسى مەملىكەت ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن. تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەدبىر قوللىنىپ، نامرات رايوندىكى بالىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد قېلىشىنى ئۈزۈپ تاشلاش، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر