باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى تۆت چوڭ قائىدىنى يولغا قويدى

2015.01.12 09:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8-يانۋار تېلېگراممىسى. تارىخ بويىچە ئەڭ قاتتىق مۇھىت ئاسراش قانۇنى 1-يانۋار يولغا قويۇلدى. يېڭى قانۇن بىلەن يۈرۈشلەشكەن، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى چىقارغان مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل تارماقلار يولغا قويىدىغان كۈن بويىچە جازالاش چارىسى، پېچەتلەش، تۇتۇپ تۇرۇش چارىسى، ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلەش، توختىتىش تەرتىپكە سېلىش چارىسى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مۇھىت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش چارىسىدىن ئىبارەت تۆت قائىدىمۇ يېقىندا يولغا قويۇلىدۇ.

  بۇلغىمىلارنى قانۇنسىز چىقارغانلارغا قەتئىي چىداپ تۇرماي، قانۇنسىز كارخانىلارنى داۋاملىق قاتتىق جازالاش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە كۈن بويىچە جازالاشنىڭ كارخانىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى سىياسەت، قانۇن-نىزام مەھكىمىسى قانۇن-نىزام باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېي، جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى مۇھىت بايلىقى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ جىڭ، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن پروفېسسورى جۇ شياۋ قاتارلىق ئەمەلدار، ئالىملار قائىدىلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر