خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىكىسكۇرسىيەچىلەر 8-دېكابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش مەيدانىدا يېڭى توپلانغان مەدەنىي يادىكارلىقلار، تارىخىي ماتېرىياللارنى كۆرمەكتە.
شۇ كۈنى «تارىخىي ماتېرىيال، يېڭى ئىسپات — 2014-يىلى يېڭى توپلانغان مەدەنىي يادىكارلىقلار» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭ زور قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەش كۆرگەزمىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 7602 پارچە يېڭىدىن توپلانغان مەدەنىي يادىكارلىق، تارىخىي ماتېرىيال ئېلان قىلىندى، بۇ تارىخىي ماتېرىياللار جۇڭگو، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق 14 دۆلەتتىن كەلگەن بولۇپ، مەزمۇنى جەھەتتە نەنجىڭ زور قىرغىنچىلىقى، جىنسىي زوراۋانلىق، زەھەرلىك گاز ئۇرۇشى قاتارلىق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جىنايىتى ۋە دۇنيا فاشىسىزمىغا قارشى ئۇرۇش قاتارلىق باش تېمىلارغا چېتىلىدىكەن. خىزمەتچىلەر مەدەنىي يادىكارلىقلار، تارىخىي ماتېرىياللار تۈرى، ئۈن-سىن، سۈرەت تۈرى، ئاغزاكى تارىخىي ماتېرىياللار تۈرى قاتارلىق ئۈچ چوڭ تۈر ۋە قورال-ياراغ، ھەربىي بويۇملار، ھەربىي جابدۇقلار، تارىخىي ماتېرىياللار قاتارلىق 15 كىچىك تۈر بويىچە، يېڭىدىن توپلانغان مەدەنىي يادىكارلىقلار، تارىخىي ماتېرىياللارنى تۈرگە ئايرىغان. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، مەدەنىي يادىكارلىقلار، تارىخىي ماتېرىياللار چوڭ تۈرىدىكى ھەربىي جابدقلار كىچىك تۈرىدە 626 پارچە بويۇم؛ ئاغزاكى تارىخىي ماتېرىيال چوڭ تۈرىدە 486 پارچە بويۇم، جۈملىدىن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان كونا ئەسكەرلەر بويۇملىرىدىن 151 پارچە، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان كونا ئەسكەرلەرنىڭ 335 بارماق قول ئىزى بار ئىكەن.
مەنبە: خەلق تورى