باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاقلىغۇچى ئادۋوكات مۇنداق دېدى: ليۇ تيېنەن «بالىسىنى چىڭ باشقۇرمىغانلىقى» دىن بەكمۇ پۇشمان قىلىدۇ، ئۇ سوتنىڭ ھۆكۈمىنى قوبۇل قىلىدۇ

2014.12.10 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «خەلق تورى»، بېيجىڭ، 10-دېكابىر تېلېگراممىسى. خېبېي ئۆلكىسى لاڭفاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۈگۈن سائەت 9:30 دە ليۇ تيېنەننىڭ پارە ئېلىش دېلوسىنى ئوچۇق سوت قىلدى. ئۇنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى لى فاباۋ يېقىندا ليۇ تيېنەن بىلەن كۆرۈشۈپ چىققاندىن كېيىن، «خەلق تورى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، ئۇن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ليۇ تيېنەن «بالىسىنى چىڭ باشقۇرمىغانلىقى» دىن بەكمۇ پۇشمان قىلىدۇ، ئۇ سوتنىڭ ھۆكۈمىنى قوبۇل قىلىدۇ.

  لى فاباۋ مۇنداق دېدى: ئۇ بالىسىنى چىڭ باشقۇرمىغانلىقتىن بۈگۈنكىدەك ئاقىۋەتكە قالغانلىقىدىن بەكمۇ پۇشمان قىلىدىكەن، ئۇ سوتنىڭ ھۆكۈمىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوغلى ليۇ دېچېڭ چەت ئەلدىن يېڭىلا قايتىپ كەلگەندە، ليۇ تيېنەن ئۇنى خېلى چىڭ باشقۇرغان، ئۇنىڭ ھەرقانداق تىجارەتلىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويمىغان. شۇنداقلا خېرىدارلىرى ئوغلىغا ئالىي قول سائىتى، ئالىي ئاپتوموبىل ئارىيەتكە بەرگەندە، ئېسىل ۋە قىممەتلىك سوۋغاتلارنى بەرگەندە، ئۇ ئوغلىدىن قايتۇرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ئوغلىنىڭ ئۆزىنىڭ دائىرسىدىكى ئىشلارغا قول تىقماسلىقنى، ئوغلىدىن چاتاق چىقماسلىقىنى ئۈمىد قىلغان.

  كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئۆيلەنگەن، قورامىغا يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرۇپ قويغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئوغلى بىلەن ئارىلىشىۋاتقان بىر قانچە كىشىنى بولىدىغان كىشىلەر، دوست بولۇشقا يارايدۇ، دەپ قارىغان، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزى ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلىپ كەتمىگەن. ئۇ ھازىر بەكمۇ پۇشايمان قىلىدىكەن، ئوغلۇمنى ياخشى باشقۇرالمىدىم دەپ قارايدىكەن. ھازىر ئۇ سوتنىڭ ھەرقانداق ھۆكۈمىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىدىغان بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر