خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:9-دېكابىر، نىڭبو شەھىرىدىن شېنياڭ شىمالىي ۋوگزالىغا قاتنايدىغان G1221 قېتىملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز تيەنجىن ۋوگزالغا كىردى. مەملىكىتىمىزدە 10-دېكابىر سائەت نۆلدىن باشلاپ يېڭى پويىز قاتناش خەرىتىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى تەڭشەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتىنىنىڭ پويىز قاتناش خەرىتىسىنى يەنە بىر قېتىم چوڭ ئۆزگەرتىشى بولدى. بۇ قېتىمقى تەڭشەشتىن كېيىن،مەملىكىتىمىزدىكى يولۇچىلار پويىزى قاتناش ئومۇمىي سانى 2673.5 جۈپگە يېتىپ .كونا خەرىتىدىن 226.5جۈپ كۆپىيىدۇ . يېڭى خەرىتە ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، مەملىكىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرەتلىك پويىزنىڭ قاتناش سانى 1556.5جۈپگە يېتىپ، جۇڭگو يۇقىرى سۈرەتلىك پويىزنىڭ قاتناش دائىرىسى 28 ئۆلكە شەھەر رايونغا كېڭىيىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى(ياڭ باۋسېن فوتوسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى