1-نويابىر، بېيجىڭ پايتەخت ئايرودۇرۇمىدا APEC باشلىقلار يىغىنى ھەپتىلىكىنىڭ ئايرودۇرۇمدا كۈتۈۋېلىش-ئۇزۇتۇش پىدائىيلىرى رەسمىي خىزمەت كىيىمى بىلەن ئىش ئورنىغا چىقتى. ئۇلار APEC باشلىقلار يىغىنى ھەپتىلىكىنىڭ تۇنجى تۈركۈم ئىشقا چىققان پىدائىيلىرى، شۇنداقلا مۇلازىمەت ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن پىدائىيلار ئىش ئورنىدۇر. 1-نويابىردىن 13-نويابىرغىچە، ئۇلار ھەر كۈنى 24 سائەت نۆۋەتلىشىپ ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئەڭ چىرايلىق كۈلۈمسىرەشلىرى بىلەن يىغىنغا كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدۇ.
جۇڭگو گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جۇاڭفېي فوتوسى
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە : خەلق تورى