- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى
2014.09.30 00:55 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، گوۋۇيۈەن تارماقلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارغا:
2009-يىلى مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بەرپا قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىپ، جايلار، ساھەلەردە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللىي مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان زور بىر تۈركۈم ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر بارلىققا كەلدى، ئۇلار ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىدۇر. ئۇلار ئىلغار ئىدىيەسى، نەمۇنىلىك ئىش-ئىزلىرى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتىنى نامايان قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن 678 ئىلغار كوللېكتىپقا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ دەپ، 818 كىشىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىلغار شەخس دەپ شەرەپلىك نام بېرىشنى قارار قىلدى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر