باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چۇڭچىڭدا بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزگەن 3500گە يېقىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۆز ئالدىغان ئىگىلىك تىكلىدى

2013.11.27 16:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5 – نويابىر چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك ۋە مۇلازىمەت قىلىش مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە، چۇڭچىڭدا بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 3500گە يېقىن ئوقۇغۇچى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، 20 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان. يېقىندا باشلانغان بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك تاللاش يىغىنىدا، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنغۇچىدىن خىزمەتچى تەكلىپ قىلغۇچىغا ئايلانغانلىقى قۇرداشلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.

  جاڭ خۇەن بۇ يىل سىچۇەن گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ لايىھەلەش ۋە باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئۇ ئۈچ يىل ئىلگىرى تۆت ساۋاقدىشى بىلەن چۇڭچىڭ شەھىرىدە ‹‹يەندىيەن›› مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنى قۇرغانىدى. جاڭ خۇەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئۈچ ئوقۇغۇچىنى شىركىتىمىزگە قوبۇل قىلدۇق، شىركەت قۇرۇلغىنىغا ئۇزاق بولمىغاچقا، ئۇلارغا 2000 يۈەن ئىش ھەققى بېرىمىز شۇنداقلا تاماق، ياتىقىنى كۆتۈرىمىز. ياشلارنىڭ بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەش كەيپىياتى ئۇلارنى بەكمۇ قىزىقتۇردى شۇنداقلا تېزلا خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى.

  چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك ۋە مۇلازىمەت قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋېن خۇرۇي مۇنداق دېدى: جاڭ خۇەنگە ئوخشاش ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەۋاتقانلار چۇڭچىڭدا كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا يەنە 2012 – يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرمۇ بۇ يىلدىكى قوش يۆنىلىشلىك تاللاش يىغىنىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرىگە تەكلىپ قىلدى. 2012 – يىلى شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن يۇ جىڭمىڭ مۇنداق دېدى: ئۆزۈمنىڭ چۇڭچىڭ ‹‹شيائەيرىن›› تور پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ئۆي – مۈلۈك شىركىتىگە بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئالتە ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدىم، ئۇلار چۇڭچىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چۇڭچىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى، چۇڭچىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن.

  ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە گەۋدىلىنىشىگە ئەگىشىپ، چۇڭچىڭ شەھىرى نۇرغۇن قوللاش سىياسىتىنى يولغا قويدى، ئالىي مەكتەپلەردە ئىگىلىك تىكلەش دەرسى تەسىس قىلىپلا قالماي، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ھەم ئوقۇش تەۋەلىكىنى ساقلاپ قېلىشىغا رۇخسەت قىلغان. ۋېن خورۇن مۇنداق دېدى: چۇڭچىڭ شەھىرى بۇ يىل شەھەر دەرىجىلىك توققۇز ئىگىلىك تىكلەش بازىسى ئاساسىدا يەنە ئۈچ ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قۇرۇپ، 300دىن ئارتۇق ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپىنى ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا جەمئىي 10 مىليون يۈەنگە يېقىن بىر قېتىملىق مەبلەغ ياردىمى ۋە مۇكاپات تولۇقلىمىسى بەردى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر