- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئېلىمىز يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىشتا مەبلەغ جۇغلاش ئۆلچىمىنى يەنە ئۆستۈرىدۇ
2013.01.08 09:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سەھىيە مىنىستىرى چېن جۇ تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2013-يىلى ئېلىمىز يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالانغۇچىلاردىن مەبلەغ جۇغلاش ئۆلچىمىنى يەنە ئۆستۈرۈپ، تەخمىنەن 340 يۈەنگە يەتكۈزىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تولۇقلىمىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 280 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ.
چېن جۇ 2013-يىللىق مەملىكەتلىك سەھىيە خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، 2013-يىلى مەبلەغ جۇغلاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تولۇقلىما ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئەمەلىي ئاتچوت قىلىنىش نىسبىتى ئۆتكەن يىلدىكىدىن بەش پوئېنت ئۆستۈرۈلىدۇ، قاتنىشىش نىسبىتى %95 تىن ئاشۇرۇلىدۇ. چېن جۇ ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇنداق دېدى: 2013-يىلى ئوتتۇرىچە ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى خىراجىتى ئۆلچىمىمۇ 30 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ، يېرى كەڭ نوپۇس ئاز چەت ياقا رايونلاردا ئوتتۇرىچە خىراجەت ئۆلچىمى 40 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە