باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش ئەھۋالىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن

2013.01.07 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باشقۇرۇشىدىكى جۇڭمىن خەير-ساخاۋەت ئىئانە ياردىمى بېرىش مەركىزى 5-يانۋار ئېلان قىلغان 2012-يىللىق جۇڭگو خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئاشكارلاش دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2012-يىلى ئاممىنىڭ خەيرى ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇچۇرنى ئاشكارلاش ئەھۋاللىرىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن، رازى بولۇش ۋە ئازراق رازى بولۇش دەرىجىسىنىڭ نىسبىتى %39 بولغان.

  بۇ دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە، ئاممىۋىي پاراۋانلىق خەير-ساخاۋەت كەسىپلىرى ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ چوڭ خىرىسقا دۇچ كەلدى: بىرىنچى، ئاممىۋىي پاراۋانلىق خەيرى ساخاۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارلاشنىڭ نوپوزلۇق ئۆلچىمى يەنىلا كەمچىل، ئۇچۇرنى ئاشكارلاشنى تەقدىرلەش، جازالاش مىخانىزىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى تازا دېگەندەك ئەمەس؛ ئىككىنچى، خەيرى ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىدە پەرق چوڭ، ئۇچۇرلىشىش تەننەرقى يۇقىرى، قايتىلانغان قۇرۇلۇشلار ئېغىر؛ ئۈچىنچى، ئاممىنىڭ ئاممىۋىي پاراۋانلىق خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى تېخى كەسپىلەشمىگەن، خەيرى ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارلاش بىلەن ئاممىۋىي ئۇچۇرلارنى قۇبۇل قىلىش ئوتتۇرىسىدا ھاڭ بار.

  دوكلاتتا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: ھۆكۈمەت بىر تۇتاش خەيرى ساخاۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ئۆلچىمى ۋە تەقدىرلەش، جازالاش مىخانىزىمى بەرپا قىلىپ، ئاممىۋىي پاراۋانلىق خەيرى ساخاۋەت كەسپى ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سەھنىسى ئورناتسا؛ خەير ساخاۋەت كەسپىدە ئاشكارا ئىنتىزامچان بولۇش ئىتتىپاقى قۇرۇپ، ھۆكۈمەت، كەسپ، تاراتقۇ بىلەن ئىجتىمائىي ئاممىۋىي كۆپ قاتلاملىق خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئاشكارلاشنى باشقۇرۇش گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئاممىۋىي پاراۋانلىق خەير ساخاۋەت كەسپىدە سىتېرولۇق ئالدىنى ئېلىش تېمىنى شەكىللەندۈرسە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە