باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىشى دۇنيا ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە(1)

2013.01.06 14:08         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چوڭ دۆلەتلەر ھېلىھەم دۇنيا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ساھەسىدە ئاساسلىق يېتەكچى كۈچتۇر. 2012 – يىلى، يېڭىدىن گۈللەنگەن چوڭ دۆلەتلەر باش كۆتۈردى، ئۇلارنىڭ خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك سۆزلىشىش مېخانىزمىدىكى تەسىر دائىرىسى كۈنسېرى كېڭەيدى، دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. ئايىغى ئۈزۈلمىگەن ئىقتىسادىي كاساتچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالغان غەربتىكى ئەنئەنىۋى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ دۇنيادىكى تەسىر دائىرىسى تارايدى، رولى چەكلىمىگە ئۇچرىدى، قورۇقچىلىق، نارودنىكلىق، تار مەنىدىكى مىللەتچىلىك ئەۋج ئالدى، سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى تەپەككۇرى باش كۆتۈردى، ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ سىياسىيلىشىشى گەۋدىلەندى. چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ھەر تەرەپتىن ئېلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

  جۇڭگو ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىقنى ساقلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ

  جاۋ كېجىن (چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى) مۇنداق دېدى: 2012–يىلىدىكى جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇنداق ئۈچ ئالاھىدىلىكى بار:

  بىرىنچى، خەلقئارالىشىشى روشەنلەشتى. جۇڭگو–ئامېرىكا يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى، جۇڭگو– ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى، جۇڭگو–ئامېرىكا گۇمانىتار ئالاقە يۇقىرى قاتلامدىكىلەر كېڭىشى شۇنداقلا جۇڭگو–ئامېرىكا سودا بىرلەشمىسى يىغىنىنىڭ چاقىرىلىشى، بارغانسېرى كۆپلىگەن رايون ۋە دۇنيا مەسىلىسىنىڭ جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ قارالمىسىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەرگە بولغان تەشەببۇسى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتىدۇ شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيا ۋەزىيىتىگە چېتىلىۋاتىدۇ.

  ئىككىنچى، ئىستراتېگىيە تۈسى قويۇقلاشتى. ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا–تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشىگەنلىكى جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ نازۇكلاشتۇرۇۋەتتى. چاۋشيەننىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرگەنلىكى، دياۋيۈ ئارىلى تالاش–تارتىشى، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى، بىرما مەسىلىسى، ئىران يادرو قورالى مەسىلىسى، سودا سۈركىلىشى، مەبلەغ سېلىش جەھەتتىكى تالاش–تارتىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتىن بىر–بىرىنى سىناۋاتقانلىقى، ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەتتە ئېھتىياتچان بولۇۋاتقانلىقى، كىرىزىسنى كونترول قىلىشتا سالماق بولۇۋاتقانلىقى جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيە تۈسىنىڭ بارغانسېرى قويۇقلىشىۋاتقانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  ئۈچىنچى، مۇرەككەپلىكى گەۋدىلەندى. ئامېرىكا نارودنىكلىقى، قورۇقچىلىق ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ سىياسىيلىشىشى قاتارلىق خاھىشلار ئىچكى جەھەتتە سىياسىي ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەم دۇنيانى ئىدارە قىلىدىغان ھەمراھ، ھەم بىر – بىرىنىڭ رىقابەت رەقىبى.

  2013 – يىلىغا نەزەر سالساق، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى رىقابەت ۋە ھەمكارلىشىش ئوربىتىسىدا داۋاملىق ئىلگىرىلەيدۇ، شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۇرسىتىگىمۇ، ھەر خىل خىرىسقىمۇ دۇچ كېلىدۇ.

  جياڭ يى (جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى رۇسىيە، شەرقىي ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى) مۇنداق دېدى: 2012 – يىلى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى مۇقىم بولۇش، ئىجابىي بولۇش، ئەمەلىي بولۇش ئوربىتىسىنى بويلاپ تەرەققىي قىلىپ، مول نەتىجە قولغا كەلدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو – رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، كەلگۈسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يۆنىلىشى ۋە يولىنى پىلانلىدى.

  202–يىلى ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى تېز ئاشقان بولۇپ، 90 مىليارد دوللاردىن ئېشىشى ئېھتىمالغا يېقىن. جۇڭگو ھازىر رۇسىيەنىڭ 1–چوڭ سودا ھەمراھى ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئېنېرگىيە، قاتناش، پەن–تېخنىكا، دېھقانچىلىق–ئورمانچىلىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇھىم تۈرلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. ئەل ئارا ئالاقە كۈچەيدى.

  خەلقئارا ھەمكارلىق جۇڭگو–رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. خۇددى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئېيتقىنىدەك، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. جۇڭگو–رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق.

  ليۇ مىڭلى (جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئورنى ياۋروپا تەتقىقاتخانىسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى) مۇنداق دېدى: 2012–يىلى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى سىجىل تەرەققىي قىلىپ مۇنداق ئۈچ خىل ئالاھىدىلىك شەكىللەندى:

  بىرىنچى، ئىقتىساد–سودا ھەمكارلىقى قويۇقلاشتى. ئىككىنچى، ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقى نۇرغۇن توسالغۇغا ئۇچرىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كارخانىلار ئەرز سۇنمىغان ئەھۋالدا ‹‹خۇاۋېي››، ‹‹جۇڭشىڭ›› قاتارلىق كارخانىلىرىمىز ئۈستىدىن تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى، قوشۇمچە ياردەمگە قارشى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، ياۋروپا قەرز كىرىزىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەسلىدىكى سودا قائىدىسىنى ئۆزگەرتىشىگە سەۋەب بولدى، سودا قورۇقچىلىقى قايتىدىن باش كۆتۈردى. ئۈچىنچى، ھۆكۈمەتلەر ئارا زىيارەت كۆپەيدى، ئالاقە قويۇقلاشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو – ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىكلەر ئالاقە ۋە سۆزلىشىش مېخانىزمى ئورناتتى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە