باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توردا تارقىلىپ يۈرگەن يېڭى قاتناش قائىدىسىگە مۇناسىۋەتلىك سەككىز گەپتە خاتالىق بار

2013.01.07 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى يېقىنداتۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى پىراۋىسىنى ئىلتىماس قىلىش-ئېلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى»(قىسقارتىلىپ 123-نومۇرلۇق بۇيرۇق دەپ ئاتىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، بىر قانچە تۈرلۈك قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىش ئۈچۈن تۇتۇلىدىغان نومۇرنى تەڭشىدى. يېڭى قاتناش قائىدىسى توغرىسىدا ئالاقە تورىدا سەككىز تۈرلۈك مىش-مىش پاراڭ كەڭ تارقالدى. بۇ ھەقتە، مۇخبىر يېقىندا جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل خادىمىنى زىيارەت قىلدى. نەتىجىدە تارقىلىپ يۈرگەن بۇ مىش-مىش پاراڭلاردا خاتالىق بارلىقى ئىسپاتلاندى. بۇ مەسئۇل خادىم تەكىتلەپ، 123-نومۇرلۇق بۇيرۇق جەرىمانە مەسىلىسىگە تامامەن چېتىلمايدۇ، دېدى.

  مىش-مىش پاراڭنىڭ بىرىنچىسى: بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدىسە، 6 نومۇر تۇتۇش

  ئىككىنچىسى: ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسە، 5 يىل ئىچىدە پىراۋىغا ئىمتىھان بېرىشكە يول قويماسلىق

  ئۈچىنچىسى: بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىمىسا، 3 نومۇر تۇتۇش، 100 يۈەن جەرىمانە قويۇش

  تۆتىنچىسى: شوپۇر يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغۇچى بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىمىسا، 1 نومۇر تۇتۇش، 50 يۈەن جەرىمانە قويۇش

  بەشىنچىسى: ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋېتىپ تېلېفون ئۇرسا-ئالسا، 3 نومۇر تۇتۇش، 100 يۈەن جەرىمانە قويۇش

  ئالتىنچىسى: ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋېتىپ تاماكا چەكسە، 1 نومۇر تۇتۇش، 100 يۈەن جەرىمانە قويۇش

  يەتتىنچىسى: نومۇر تاختىسىنى قەستەن يۆگىۋالسا، 12 نومۇر تۇتۇش، ئەڭ يوقىرى چەكتە جەرىمانە قويۇش

  سەككىزىنچىسى: قىزىل چىراققا ئۈسسە، 6 نومۇر تۇتۇش، 100 يۈەن جەرىمانە قويۇش.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە